ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ ئالتە دۆلەتكە چېگرادىن ۋىزىسىز كىرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشى ياۋروپانىڭ ھەر قايسى ساھەسىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-05 09:17

دۆلەتلىك كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 12-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگو فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، مالايسىيا قاتارلىق ئالتە دۆلەتتىكى ئادەتتىكى پاسپورتى بار خادىملارغا ۋىزىسىز چېگرادىن كىرىش سىياسىتىنى يولغا قويغان تۇنجى كۈنى، ئالاقىدار دۆلەتلەردىن جەمئىي 2029 ئادەم قېتىم يولۇچى ۋىزىسىز چېگرادىن كىرگەن. نۇرغۇن ياۋروپا ئاممىسى ۋىزىسىز چېگرادىن كىرىش سىياسىتى ھەر ساھە ئەربابلىرىنىڭ جۇڭگوغا بېرىپ ساياھەت قىلىشى، زىيارەت قىلىشى ۋە ئالماشتۇرۇشىغا زور قولايلىق يارىتىپ بەردى، دېدى.

12-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇخبىر گېرمانىيە فىرانكفورت ئايرودۇرۇمىدا، جۇڭگوغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان پۇكىيى ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى، نۇرغۇن يولۇچىلار جۇڭگو يولغا قويغان ئۆز ئالدىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ساياھىتىمىزگە قولايلىق ئېلىپ كەلدى، دەپ ھېسابلىدى.

ئېسېنخارت گېرمانىيە فىرانكفورت داشۆسىدە جۇڭگو سىياسىيسى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانت. ئۆتكەن 20 يىلدا، ئۇ 10 نەچچە قېتىم جۇڭگوغا سودا ئىشلىرى بىلەن كاماندىروپكىغا كەلگەن ياكى سەيلە-ساياھەت قىلغان، ئۇ جۇڭگونىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ناھايىتى زور جەلپكارلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى، ئەگەر جۇڭگودا مۇھاكىمە يىغىنى ياكى قىسقا مۇددەتلىك خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش دەرسى بولسا، مەن ئوڭايلا قاتنىشالايمەن. ئىلىم-پەن جەھەتتىمۇ شۇنداق، ئەگەر مەن نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگولۇق ئالىملار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى بۇلارنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ.

جۇڭگونىڭ ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىمۇ ياۋروپانىڭ سودا ساھەسىدىكى نۇرغۇن ئەربابلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ بۇ تەدبىرى جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئادىمىيەت ۋە سودا ئالاقىسىگە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. گاۋرۈي خۇينېڭ يەر شارى شىركىتىنىڭ لىدىرى بوكېرۈي مۇنداق دېدى: بۇ جۇڭگو مەدەنىيىتىدىن ھۇزۇرلىنىش، جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو تارىخىنى چۈشىنىشتىكى ياخشى پۇرسەت. مېنىڭچە بۇ كارخانىغا نىسبەتەن ھەمكارلىق ھەمراھى ئىزدەش پۇرسىتى.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگونىڭ ئالتە دۆلەتكە چېگرادىن ۋىزىسىز كىرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشى ياۋروپانىڭ ھەر قايسى ساھەسىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى

دۆلەتلىك كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 12-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگو فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، مالايسىيا قاتارلىق ئالتە دۆلەتتىكى ئادەتتىكى پاسپورتى بار خادىملارغا