ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار «مەملىكەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى كۈنى» باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-05 09:17

12-ئاينىڭ 2-كۈنى 12-«مەملىكەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى كۈنى»، «مەدەنىي قاتناش، سىز ۋە مەن سەپەرداش» بۇ يىلقى باش تېما قىلىندى. جايلار كۆپ خىل شەكىلدىكى باش تېما پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، بىرلىكتە مەدەنىي قاتناش بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاممىنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

12-ئاينىڭ 2-كۈنى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ «مەملىكەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى كۈنى» تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى نەنچاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، پائالىيەت نەق مەيدانىدا يول قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرى ئومۇملاشتۇرۇلدى ھەمدە «ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىمىگەن» مەھەللە (كەنت)، «قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىغان» شەخس، «ھادىسە سادىر قىلمىغان» كارخانا، «قالپاق كىيگەن» مەدەنىي قاتناش يېزا-بازار ۋەكىللىرى باھالىنىپ، مەدەنىي قاتناش قانۇنىغا رىئايە قىلىش ھەرىكىتى تەقدىرلەندى.

مەملىكەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى كۈنى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، چۇڭچىڭ شەھىرى بانەن رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى قاتناش چارلاش ساقچى تارماق ئەترىتى تەلىم-تەربىيە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى ۋە نەق مەيدان كۆرگەزمىسى ئارقىلىق ئاممىغا ئېسىل قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيەسى دەرسى ئۆتتى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا قاتناش ساقچىلىرى مەخسۇس ئويۇن قويۇش ۋە ئامما بىلەن ھەمتۈرتكە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، يېزا رايونلىرىدىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىغا قانۇنغا خىلاپ ئادەم سېلىش، يولۇچى بىلەن يۈكنى ئارىلاشتۇرۇپ سېلىش، دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللارغا قانۇنغا خىلاپ ئادەم سېلىش قاتارلىق قاتناش قانۇنىغا خىلاپ نۇقتىلىق قىلمىشلارنىڭ ئېغىر زىيىنىنى نۇقتىلىق چۈشەندۈردى.

تيەنجىن شەھىرى خېشى رايونىدىكى مەدەنىيەت مەركىزى مەيدانىدا، قاتناش ساقچىلىرى بىلەن شەھەر ئاھالىلىرى يۈز تۇرانە نەق مەيداندا تەقلىدىي ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق، قاتناش جەريانىدا دائىم كۆرۈلىدىغان كۆزگە چىلىقمايدىغان رايون قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان ھادىسىلەرنى چۆرىدەپ، بىرمۇ بىر چۈشەندۈرۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىشىنى ئەسكەرتتى. بۇنىڭدىن باشقا، تيەنجىن شەھىرى يەنە ئۆز ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مەدەنىي قاتناش ھۆسنخەت، رەسىم كۆرگەزمىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش كۆرگەزمىسى ۋە قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىقات كۆرگەزمىسى تەييارلىدى، ھۆسنخەت، رەسىم، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەسەرلىرىنى نامايان قىلىش ھەمدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ھېس قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار «مەملىكەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى كۈنى» باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

12-ئاينىڭ 2-كۈنى 12-«مەملىكەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى كۈنى»، «مەدەنىي قاتناش، سىز ۋە مەن سەپەرداش» بۇ يىلقى باش تېما قىلىندى