ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2023-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-06 10:01

2023-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى كۆرگەزمىسى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېچىلدى، كېمىسازلىق دېڭىز سانائىتى ساھەسىدىكى بىر تۈركۈم ئەڭ يېڭى تېخنىكا ۋە نەتىجىلەر مەركەزلىك نامايەن قىلىندى. 2023-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى كۆرگەزمىسى 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ جۇڭگو خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ تۆت يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تور سىرتىدا ئۆتكۈزۈلۈشى بولۇپ، 30 دۆلەت ۋە رايوندىن جەمئىي 2000دىن ئارتۇق كارخانا جەلپ قىلىندى، ئومۇمىي كۆلەم جەھەتتە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى كۆرگەزمىسىدە ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىغان دۇنيادىكى تۈرلۈك ئىلغار پاراخوت تىپى ۋە ماتور قاتارلىق پاراخوت يۈرۈشلۈك ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمە قىلىنىپلا قالماي، يەنە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ تىپتىكى پوچتا پاراخوتىنى باش تېما قىلغان ھېس قىلىش رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرگە كەلگۈسىدىكى پوچتا پاراخوتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق بۆلمىسىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە دۇنياغا ئېلىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان پوچتا پاراخوتىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇراشتۇرۇش سەۋىيەسىنى نامايەن قىلغىلى بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ھەر قايسى چوڭ كارخانىلار يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يېڭى پاراخوت تىپى ۋە يېڭى تېخنىكىنى كۈچەپ نامايەن قىلدى، تۆۋەن كاربونلۇق ھەتتا كاربونسىز پاراخوت كېمىسازلىق سانائىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۈزلىنىشى بولۇپ قالدى. ئادەمسىز پاراخوتمۇ كەسىپ ساھەسىدىكىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، ھازىر دولقۇن بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان سۇ رايونىدا، بىر قىسىم كۈندىلىك چارلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئادەمسىز پاراخوت بىلەن قىلغىلى بولىدىغان بولدى.
خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى كۆرگەزمىسى ئىزچىل خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى تېخنىكا تەرەققىيات يۈزلىنىشىنىڭ بەلگىسى دەپ تەرىپلىنىپ كەلدى، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە چېگرا سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %42 ئەتراپىدا بولۇپ، جۇڭگو بىلەن خەلقئارا كېمىسازلىق دېڭىز سانائىتى كەسپىنىڭ ھەمكارلىقىغا كۆۋرۈك سالدى. جۇڭگو كېمىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى كۆرگەزمىخانىلارنىڭ كۆلىمى ياكى كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەرنىڭ سانى جەھەتتە بولسۇن تارىختىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىن %10دىن كۆپرەك ئېشىپ كەتتى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2023-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

2023-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى كۆرگەزمىسى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېچىلدى، كېمىسازلىق دېڭىز سانائىتى ساھەسىدىكى بىر تۈركۈم ئەڭ يېڭى تېخنىكا ۋە نەتىجىلەر مەركەزلىك نامايەن قىلىندى.