ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 2022-يىلىدىكى پۈتۈن يىلدىكىدىن ئېشىپ كەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-06 10:21

مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 5-كۈنى دۆلەتلىك تۆمۈر يول گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 16 مىڭ 145 قېتىم قاتناپ، 1 مىليون 749 مىڭ ئۆلچەملىك يۈك ساندۇق توشۇغان، توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى پۈتۈن يىلدىكىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. توشۇش مىقدارى داۋاملىق زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى گەۋدىلەنگەن.

لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ جىڭ-ئالاتاۋ ئېغىزى بۆلىكىدە 2-لىنىيەنىڭ جىڭ ۋوگزالى كۆپەيتىلىپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى بۇ يەردىن يولغا چىقتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەتلىك تۆمۈر يول گۇرۇھى جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ جىڭ-ئالاتاۋ ئېغىزىغىچە بولغان بۆلىكىدە 2ـ لىنىيە قۇرۇلۇشىنى كۆپەيتىپ، يېقىندا قاتناش باشلاپ، يىللىق تىرانسپورت ئىقتىدارىنى 15 مىليون توننىدىن 60 مىليون توننىغا يەتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چېگرا ئېغىزى تىرانسپورتىنى تەشكىللەشنى كۈچەيتىپ، پويىزنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40 مىنۇت قىسقارتتى.

بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ گۇرۇپپىلىنىش سانى ۋە سۆرەش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مۇساپىلىك ۋاقىت جەدۋىلىدىكى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ چېڭدۇ-پولشا لوز، شىئەن-گېرمانىيە دۇيسبۇرگ قاتارلىق بەش لىنىيەسى ئېچىلدى.

چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى خېرىدارلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز كۆزنەك تور بېكىتى بۇ يىل 9-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، بىر جايدا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. تور بېكىتى ئېچىلغان ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان زىيارەت قىلىش مىقدارى 4 مىليون 670 مىڭ قېتىمدىن ئاشتى. ھازىر جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ياۋروپادىكى 25 دۆلەت، 217 شەھەرگە تۇتاشتۇرۇلدى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 2022-يىلىدىكى پۈتۈن يىلدىكىدىن ئېشىپ كەتتى

بۇ يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 16 مىڭ 145 قېتىم قاتناپ، 1 مىليون 749 مىڭ ئۆلچەملىك يۈك ساندۇق توشۇغان،