ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-07 10:23

2024-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7-ئىيۇن باشلاندى. جايلار ئىمتىھانغا تەشكىللەش ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ مۇقىم، ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

بېيجىڭ شەھىرى چاڭپىڭ رايونلۇق 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىمتىھان نۇقتىسىدا، 6-ئىيۇن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىشتە چوقۇم ئۆتىدىغان يولغا يامغۇردىن دالدىلىنىش كارىدورى ياسالدى. ئىمتىھان مەيدانىدا نازارەتچى ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى. ئىمتىھان نازارەتچىسى سىگنال توسۇش ئۈسكۈنىسىنى تەپسىلىي تەكشۈردى ھەمدە ھەر بىر ئىمتىھان مەيدانىنىڭ دېرىزىلىرىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇردى. بېيجىڭ شەھىرى چاڭپىڭ رايونلۇق مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان مەركىزىنىڭ مۇدىرى جۇ خوۋفېڭ مۇنداق دېدى: بىز ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈچۈن ئارام ئېلىش رايونى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئورنى، سومكا ساقلاش ئورنى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىمتىھان كاپالەت مۇلازىمەت خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردۇق.

ئەنخۇيدىكى نۇرغۇن جايلار ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ياخشى ئىمتىھان مۇھىتى ياراتتى. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئېلىپ، ئۈستىگە «مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش» بەلگىسى چاپلانغان يولدىكى تاكسىلارغا ھەقسىز ئولتۇرسا بولىدۇ. ۋۇخۇ شەھەرلىك يول تىرانسپورت باشقۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى شەھەر يولۇچىلار تىرانسپورتى مۇلازىمەت ئورنىنىڭ باشلىقى لى پېڭپېڭ مۇنداق دېدى: مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش تاكسىسىنى يولغا قويۇش كەسپىمىزدىكى ھەر يىللىق چوڭ ئىش، تاكسى كەسپىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈچۈن چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىش قىلىپ بېرىمىز، ھەر قانچە كۆپ خىزمەت قىلساقمۇ ئەرزىيدۇ.

بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە جياڭشىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلدى. نەنچاڭ شەھىرى ۋەنلى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قىسمەن رايونلىرى تاغلىق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، يۈزگە يېقىن ئوقۇغۇچىنىڭ يول يۈرۈشى قىيىن ئىدى. شۇ جايدىكىلەر مۇددەتتىن بۇرۇن مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، تاغلىق رايوندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىشىغا قولايلىق ياراتتى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلىدى

2024-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7-ئىيۇن باشلاندى. جايلار ئىمتىھانغا تەشكىللەش ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ مۇقىم، ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.