ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاڭئې 6-نومۇر ئوربىتا ئۈسكۈنىسى ۋە قايتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ بىرىكمە گەۋدىسى بىلەن ئاي شارى ئوربىتىسىدا تۇتىشىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، ئارقىدىن ئاي شارى ئەۋرىشكە قاچىسىنى قايتىش ئۈسكۈنىسىگە بىخەتەر يۆتكىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-07 10:22

چاڭئې 6-نومۇرلۇق ئۇچقۇ 6-ئىيۇن سائەت 14تىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە ئوربىتا ئۈسكۈنىسى ۋە قايتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ بىرىكمە گەۋدىسى بىلەن ئاي شارى ئوربىتىسىدا تۇتىشىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، ئارقىدىن ئاي شارى ئەۋرىشكە قاچىسىنى قايتىش ئۈسكۈنىسىگە بىخەتەر يۆتكىدى. بۇ ئېلىمىز ئالەم ئۇچقۇسىنىڭ چاڭئې 5-نومۇرلۇق ئۇچقۇدىن كېيىن 2-قېتىم ئاي شارى ئوربىتىسىدا تۇتىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى.

چاڭئې 6-نومۇرلۇق ئۇچقۇ ئاي شارىنىڭ كەينى تەرىپىدىن ئۇچۇپ ئاينى ئايلىنىپ ئۇچۇش ئوربىتىسىغا كىرگەندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم ئوربىتىدا تەڭشەش ئېلىپ باردى، ئۇچقۇ ئوربىتا بىلەن قايتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ بىرىكمە گەۋدىسىنىڭ ئالدى تەرىپىگە تەخمىنەن 50 كىلومېتىر، ئۈستى تەرىپىگە تەخمىنەن 10 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولغاندا، ئوربىتا ئۈسكۈنىسى بىلەن قايتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ بىرىكمە گەۋدىسى يېقىن مۇساپىدە مۇستەقىل كونترول قىلىش ئارقىلىق تەدرىجىي ئۇچقۇغا يېقىنلىشىپ، ئوربىتىدا ئۇچراشتى. ئوربىتا ئۈسكۈنىسىگە سەپلەنگەن ئۈچ يۈرۈش K شەكىللىك تۇتقۇچ ئۇچقۇنىڭ ئۇلاش يۈزىدىكى ئۈچ تال تۇتاشتۇرغۇچى دەستىگە توغرىلىنىپ، تۇتقۇچنى چىڭىتىش ئارقىلىق ئىككى ئۈسكۈنىنى زىچ باغلاپ، دەل جايىدا تۇتاشتۇردى. سائەت 15 تىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى قىممەتلىك ئەۋرىشكە قاچىلانغان قاچا ئۇچقۇدىن قايتۇرۇپ كېلىش ئۈسكۈنىسىگە بىخەتەر يۆتكەلدى.

دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئاينى تەكشۈرۈش ۋە ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى مەركىزىنىڭ مەسئۇلى خۇ خاۋدې مۇنداق دېدى: بۇ چاڭئې 6-نومۇرلۇق ئۇچقۇنىڭ ئۆيگە قايتىش قەدىمىنىڭ تېخىمۇ يېقىنلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئىككى تۇتاشتۇرۇش ۋە ئەۋرىشكىنى يۆتكەش تاماملانغاندىن كېيىن، ئىنتايىن مۇھىم بىر ھالقىنىڭ ئورۇنلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھىدىن لى تيەنيى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تۇتاشتۇرۇشتا ئەڭ چوڭ قىيىن نۇقتا ئالدى بىلەن مۇقىم كونترول قىلىش، ئىككىنچىدىن توغرا بولۇش. تۇتاشتۇرۇشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ۋە تۇتۇشنىڭ ئەمەلىي ۋاقىتچانلىقىغا قويۇلىدىغان تەلەپ ناھايىتى يۇقىرى، چۈنكى ئەگەر بىر سېكۇنت ئىچىدە تۇتالمىساق، ئىككى ئەسۋاب سوقۇلۇپ كېتىپ قېيىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز يەر يۈزىدە نۇرغۇن تەجرىبە ئىشلەپ، تۇتاشتۇرۇش ۋە يۆتكىلىشنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.

ھازىر ئوربىتىغا قايتىش بىرىكمە گەۋدىسى بىلەن ئۇچقۇ ئاي شارى ئوربىتىسىدا ئايلىنىۋاتىدۇ، قونغۇچ ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىدە مەڭگۈ تۇرىدۇ، ئەمدى ئوربىتىغا قايتىش بىرلەشمە گەۋدىسى بىلەن ئۇچقۇ ئايرىلىدۇ. جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھىدىن چياۋ دېجى مۇنداق دېدى: ئوربىتىغا قايتىش بىرىكمە گەۋدىسى ئاي شارىدا ئايلىنىدۇ، بىز ئاي شارىدىن يەر شارىغا يۆتكەش كۆزنىكىنى كۈتۈشىمىز، ئەڭ ئاخىرىدا قايتقۇچنى، ئەۋرىشكىنى بىخەتەر، مۇكەممەل ھالدا يەر شارىغا قايتۇرۇپ كېلىشىمىز كېرەك.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چاڭئې 6-نومۇر ئوربىتا ئۈسكۈنىسى ۋە قايتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ بىرىكمە گەۋدىسى بىلەن ئاي شارى ئوربىتىسىدا تۇتىشىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، ئارقىدىن ئاي شارى ئەۋرىشكە قاچىسىنى قايتىش ئۈسكۈنىسىگە بىخەتەر يۆتكىدى

چاڭئې 6-نومۇرلۇق ئۇچقۇ 6-ئىيۇن سائەت 14تىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە ئوربىتا ئۈسكۈنىسى ۋە قايتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ بىرىكمە گەۋدىسى بىلەن ئاي شارى ئوربىتىسىدا تۇتىشىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى،