ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىزنىڭ 4-تۈركۈمدىكى زاپاس ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى تاللاش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىن بىردىن ئادەم تاللاندى، ئۇلار ئايغا چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-12 11:15
  دۆلىتىمىزنىڭ 4-تۈركۈمدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يېقىندا تاللىنىپ بولدى، جەمئىي 10 زاپاس ئالەم ئۇچقۇچىسى تاللاندى، ئۇلار سەككىز ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىن كەلگەن ئىككى مۇتەخەسسىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ 4-تۈركۈمدىكى زاپاس ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى تاللاش دائىرىسى ئىچىدە، ئالەم قاتنىشى ئۇچقۇچىلىرى قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەلىرىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۇچقۇچىلارنى قاپلىدى، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېندىن كەلگەن بىر قانچە نامزات ئوبيېكتى مۇتەخەسسىسلەرنى تاللاشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھالقىسىغا كىردى.
  جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى سىستېمىسىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى خۇئڭ ۋېيفېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ، ئاۋمېندىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر قاتلاممۇ قاتلام تاللاندى، دەسلەپكى تاللاشنىڭ ئاساسىي شەرتلىرىنى تاللاشتىن قايتا تاللاشقىچە، تېخىمۇ ئەتراپلىق، چوڭقۇر بولغان كىلىنىكىلىق تېببىي تەكشۈرۈش، تۈرلۈك فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارلارنى تەكشۈرۈش، ئالەم قاتنىشى مۇھىتىغا ئۇيغۇنلىشىشچانلىق، چىدامچانلىق بويىچە تاللاش، يەنە پىسخىكا جەھەتتىكى تۈرلۈك سىناقلارغا قاتناشتى يەنە كەسپىي ئاساسىي ساپانى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارمۇ بار، بىز يەنە تاللانغانلارنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك تاللاشلارنى ئېلىپ باردۇق، ئۇلار بىزنىڭ تاللاش شەرتىمىزنى قاندۇردى.
  پىلان بويىچە، ئېلىمىز 2030-يىلىغىچە ئادەملىك ئاي شارىغا چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىلمىي ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدۇ، خۇاڭ ۋېيفېن مۇنداق دېدى: ھازىر ئالەم ئۇچقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا، مەيلى تاللاش ياكى مەشىق قىلىش جەھەتتە بولسۇن، بوشلۇق پونكىتى ۋە ئادەملىك ئايغا چىقىشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ ۋەزىپە بىر تۇتاش ئويلىشىلىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتىدۇ.
  خۇاڭ ۋېيفېن مۇنداق دېدى: مەشىق دەرسى جەھەتتە، ئاساسىي گېئولوگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەرسلەر بار، كېيىن يەنە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى دالىدا پىراكتىكا قىلىشقا، گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالاقىدار دەرسلەر بويىچە مەشىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز. كېيىن ئادەملىك ئايغا چىقىش ۋەزىپىسىدىكى تەقلىدىي ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا ئەگىشىپ، ئالاقىدار مەشىق ۋەزىپىلىرىمىز ماھىيەتلىك قانات يايدۇرۇلىدۇ. 

   تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
  سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىزنىڭ 4-تۈركۈمدىكى زاپاس ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى تاللاش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىن بىردىن ئادەم تاللاندى، ئۇلار ئايغا چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ

دۆلىتىمىزنىڭ 4-تۈركۈمدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يېقىندا تاللىنىپ بولدى، جەمئىي 10 زاپاس ئالەم ئۇچقۇچىسى تاللاندى، ئۇلار سەككىز ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىن كەلگەن ئىككى مۇتەخەسسىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.