قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار| يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-12 15:43
◄ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا 2024-يىللىق يۈز كۈنلۈك ئون مىليون خىزمەتچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى باشلىدى. تۇنجى ھەپتىدە ئىنتېرنېت، داۋالاش دورا، سەھىيە، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە ياسىمىچىلىقىدىن ئىبارەت توردا تەكلىپ قىلىش بويىچە تۆت مەخسۇس مەيدان تەسىس قىلىنىپ، 26 مىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن 259 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.
◄ مۇخبىرنىڭ تيەنجىن تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئىككى تىرىليون 140 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، كۆلەم جەھەتتە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %12.2 ىنى ئىگىلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى بىر تىرىليون 60 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 4.6 ئاشقان.
◄ دۆلەت تۆمۈر يول گۇرۇھىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 228 مىليارد 470 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.8 ئاشقان.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد