ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

توققۇز تارماق لايىھە ئېلان قىلىپ، ئائىلە مۇلازىمىتى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-12 15:43
  سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىق توققۇز تارماق يېقىندا «2024-يىللىق ئائىلە مۇلازىمىتى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى خىزمەت لايىھەسى»نى تارقاتتى. لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2024-يىللىق ئائىلە مۇلازىمىتى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئائىلە مۇلازىمىتى ئىستېمالىنى جانلاندۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك.
  سودا مىنىستىرلىقى تەتقىقات يۇرتى مۇلازىمەت سودا ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى گاۋ باۋخۇا مۇنداق دېدى: سۈپەتنى ئۆستۈرۈشتىن باشقا، لايىھەدە ئائىلە مۇلازىمەتچىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش جەھەتتە تۇرمۇش مۇلازىمىتى بويىچە تەكلىپ قىلىش پەسىللىك پائالىيىتى، ئائىلە مۇلازىمىتى بىلەن ئەمگەكنى تۇتاشتۇرۇش ھەرىكىتى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. گاۋ باۋخۇا مۇنداق دېدى: ئائىلە مۇلازىمەتچىلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىشتىكى نۇقتىلىق رايونلار، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش-ئورۇنلاشتۇرۇش رايونلىرى، دۆلەتنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان ناھىيەلەر، شەھەرلەردىكى مەھەللىلەر بىلەن مۇقىم جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 
  لايىھەدە يەنە ئائىلە مۇلازىمىتى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشتە ئۆزگىچە ئەمگەك-مۇلازىمەت ماركىسىنى يېتىلدۈرۈپ، ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئائىلە مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئائىلە مۇلازىمىتى كەسپىگە پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن ياردەم بېرىش سالمىقى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، يارقىن نۇقتىلار گەۋدىلەندۈرۈلدى. گاۋ باۋخۇا مۇنداق دېدى: لايىھەدە پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى بېيىتىش ۋە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ئائىلە مۇلازىمىتى كارخانىلىرى، مۇلازىمەتچىلەر، ئىستېمالچىلارنىڭ ئالاقىدار بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئائىلە مۇلازىمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىدۇ.
  لايىھەدە يەنە قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىكنىڭ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەھەرگە كىرگەن ئائىلە مۇلازىمەتچىلىرىنى ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي دائىرىسىگە كىرگۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە، ئائىلە مۇلازىمىتى ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئائىلە مۇلازىمەتچىلىرىنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاپ نومۇر بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خاتىرجەم ئىستېمال مۇھىتى يارىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 

  تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد

中央广播电视总台 央广网 版权所有

توققۇز تارماق لايىھە ئېلان قىلىپ، ئائىلە مۇلازىمىتى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈردى

سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىق توققۇز تارماق يېقىندا «2024-يىللىق ئائىلە مۇلازىمىتى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى خىزمەت لايىھەسى»نى تارقاتتى.