ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە چېگرادىن كىرىپ چىققانلار بەش مىليون 752 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، بۇ بۇلتۇرقى دۇەنۋۇ بايرىمىدىكى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %45.1 كۆپ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-12 16:11
  دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىستېمال بازىرى، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى رايون ھالقىغان خادىملارنىڭ يۆتكىلىش مىقدارى، چېگرادىن كىرگەن-چىققان ئادەم سانى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلار كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى نامايان قىلدى. 
  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سودا چوڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دەم ئېلىش مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق پارچە سېتىش ۋە يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.8 ئاشقان. مەملىكەت بويىچە ئۈلگىلىك پىيادىلەر كوچىسىدا خېرىدارلار ئېقىمى، تىجارەت سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.7 ۋە %9.2 ئاشقان. ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرى، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %11.7، %17.7 ۋە %35.5 ئاشقان، مەملىكەت بويىچە ئەمەلىي تاۋارلارنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشقان.  
  قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ 11-ئىيۇن ئېلان قىلىشىچە، دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىغان كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىش مىقدارى 637 مىليون ئادەم قېتىمدىن يۇقىرى بولۇپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 212 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، 2023-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن  %9.4 ئاشقان.  
  دۈەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدە، پايتەخت ئايرودۇرۇمى چېگرىدىن كىرىپ چىقىدىغان يولۇچىلار يۇقىرى پەللىسىنى كۈتىۋالدى. بېيجىڭ تاموژنىسى پوچتا يوللانمىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ فاڭ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ تاموژنىسى يولۇچىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەن-تېخنىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاسىتىسىنى كۈچەيتىپ، كاشىلىسىز تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ تاموژنىدىن تېز ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. 
  دۆلەتلىك كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل دۈەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە چېگرا تەكشۈرۈش ئورگانلىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك خادىملارنىڭ بەش مىليون 752 مىڭ ئادەم  قېتىم چېگرىدىن كىرىش-چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلغان، بۇ كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر مىليون 917 مىڭ ئادەم قېتىم توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.1 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن  %25.4 ئاشقان؛ شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئاھالىلىرى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %66.1 ئاشقان؛ چەت ئەللىكلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %57 ئاشقان. مەلۇم ساياھەت سۇپىسى ئاممىۋى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى چېن لىنەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى:  دۇەنۋۇ بايرىمى ئىستېمال دولقۇنىغا يېتەكچىلىك قىلدى.  سۇپىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل دۇەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدە چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %115 ئاشقان. چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش جەھەتتە، چەت ئەلدىن ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىش، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش زاكازى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %220 ئاشقان، ئاساسلىق نىشان چەت ئەللەردىكى قىسقا لىنىيەلەرگە مەركەزلەشكەن. 
  بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە قوبۇل قىلىنغان پوسۇلكا ئىككى مىليارد 654 مىليونغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، قوبۇل قىلىنغان تېز يوللانما پوسۇلكىسى بىر مىليارد 291 مىليون بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن  %25.6 ئاشقان؛ يەتكۈزۈلگەن تېز يوللانما پوسۇلكىسى بىر مىليارد 363 مىليونغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.4 ئاشقان. بايراملىق ئۆزگىچە مەھسۇلاتلار، يېڭى مېۋىلەرنى يەتكۈزۈش ئېھتىياجى ئاشقان، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزلاردىكى تۇراقلىق تېمپېراتۇرىلىق ۋاگون، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق تېخنىكىلار مۇلازىمەت كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولغان.

  تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە چېگرادىن كىرىپ چىققانلار بەش مىليون 752 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، بۇ بۇلتۇرقى دۇەنۋۇ بايرىمىدىكى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %45.1 كۆپ

دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىستېمال بازىرى، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى رايون ھالقىغان خادىملارنىڭ يۆتكىلىش مىقدارى، چېگرادىن كىرگەن-چىققان ئادەم سانى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلار كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى نامايان قىلدى.