سۇچىلىق مىنىستىرلىقى سەككىز ئۆلكىگە قۇرغاقچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ 4-دەرىجىلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويدى، شىمالدىكى نۇرغۇن جايلار پائال تەدبىر قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى
مەركىزىي ھاۋارايى ئىستانسىسى 13-ئىيۇن سائەت 6دە داۋاملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى. سۇچىلىق مىنىستىرلىقى 12-ئىيۇن خېبېي، شەندۇڭ، خېنەن قاتارلىق 8 ئۆلكىگە قۇرغاقچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ 4-دەرىجىلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويدى. جايلار پائال تەدبىر قوللىنىپ ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
خېنەن ئۆلكىلىك ھاۋارايى ئىدارىسى، خېنەن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى 12-ئىيۇن بىرلىكتە يېزا ئىگىلىكى توغرىسىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا، قۇرغاقچىلىق، يۇقىرى خېيىم-خەتەر ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى. بىر نەچچە كۈندىن بۇيانقى يۇقىرى تېمپېراتۇرا، قۇرغاقچىلىق يازلىق تېرىلغۇغا زور خىرىس ئېلىپ كەلدى. شىنشياڭ شەھىرى ۋېيخۇي شەھىرى سۈنشىڭسۈن بازىرى ۋاڭكۇيتۈن كەنتىدىكى دېھقان شېن شۆيىنىڭ ئېتىزلىقىدا تۇپراق قۇرۇپ يېرىلىش ئەھۋالى كۆرۈلدى.
ۋېيخۇي شەھىرى يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى تەشكىللەپ، ھەر قايسى يېزا-بازارلارغا بېرىپ ئاممىنىڭ قۇرغاقچىلىققا ئىلمىي تاقابىل تۇرۇپ مايسىلارنى قوغدىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. ۋېيخۇي شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ باشلىقى ليۇ گۇاڭلياڭ دېھقانلارغا نەملىكنى ئاشۇرۇپ ئۇرۇق سېلىشنى، مۇۋاپىق پەيتتە سۇغىرىپ تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىپ، مايسىلارنى ساقلاپ، يازلىق تېرىلغۇنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئەسكەرتتى.
12-ئىيۇن خېبېينىڭ شىجياجۇاڭ، شىڭتەي قاتارلىق جايلىرىدىكى قىسمەن جايلاردا تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتتى، 13-ئىيۇن باۋدىڭ، لاڭفاڭ ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37 سېلسىيە گىرادۇستىن 40 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، قىسمەن رايونلاردا 41 سېلسىيە گىرادۇستىن 44 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولدى.
شىجياجۇاڭ شەھىرى بىننەن گۈللۈكى ئولتۇراق رايونى يول بويىدا، كۆز ئاسراش ئەينىكى تاقىغان، ئىزولياتورلۇق كىيىم كىيگەن ئېلېكتىر مەشغۇلات خادىملىرى ئولتۇراق رايونغا يېڭىدىن 400 كىلوۋولتلۇق بېسىم ئۆزگەرتكۈچنى كۆپەيتتى.
شىجياجۇاڭ شەھەرلىك ئېلېكتىر تارماقلىرى «تور ئىچى+تور سىرتى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، رايون تىپىدىكى كۆزىتىش سىستېمىسى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان+تىپىك كۆرۈنۈش قاتارلىق يېڭى تېخنىكا ۋاسىتىلىرىگە تايىنىپ، ئېلېكتىر تورى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يۈرۈشۈشىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مەزگىلدە شىجياجۇاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.
تيەنجىن شەھىرىدە بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سۇ ئىشلىتىش مىقدارى تېز ئاشتى. تيەنجىن شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى گۇرۇھىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ خاۋ مۇنداق دېدى: سۇ زاۋۇتى، تۇرۇبا تورىنى كۈندىلىك كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، تېمپېراتۇرا ۋە سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن پىلاننى ۋاقتىدا تەڭشەۋاتىمىز.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت