8-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تەييارلىقى پۈتتى، مىڭدىن ئارتۇق كارخانا ۋە ئاپپارات كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ
8-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى 26-ئىيۇندىن 30-ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن مىڭدىن ئارتۇق كارخانا ۋە ئاپپارات قاتنىشىدۇ، كۆرگەزمىدە ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك ۋە روشەن بولغان 50 نەچچە مەيدان دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە «يىپەك يولىنىڭ يېڭى پۇرسىتى، ئاسىيا-ياۋروپانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى» تېما قىلغان بولۇپ، كۆرگەزمە كۆلىمى 140 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ئېنېرگىيە ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقى، رەقەملىك تېخنىكا، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەر كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. سودا مىنىستىرلىقى تاشقى سودا تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ ديەنشۈننىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر كۆرگەزمىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاساسەن پۈتۈپ بولغان. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىمۇ مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى، بايلىق، مۇھىت ۋە كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىگە قارىتىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولىنى تېزدىن بەرپا قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئىستىھكامنى بەرپا قىلىدىكەن.
بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە جۇڭگو ( شىنجاڭ ) ئەركىن سودا سىناق رايونى مەخسۇس تەسىس قىلىنىپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، قورغاستىن ئىبارەت ئۈچ رايوننىڭ ئۆزگىچە يارقىن نۇقتىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى شۈەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىمپورت ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 38 مىليارد 503 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىمپورت ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %27.92نى ئىگىلىگەن. ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولغان. ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئەركىن سودا سىناق رايونىدا يېڭىدىن 4000 دىن ئارتۇق كارخانا كۆپىيىپ، ئومۇمىي سانى 24 مىڭغا يەتكەن.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت