ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئايلانما بازار تىجارىتىگە قولاي جاي بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى گۈزەل گۇاڭشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-13 15:20

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 12-ئىيۇن «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېمىسىدىكى بىر قاتار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گۇاڭشى ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 2012-يىلىدىكى بىر تىرىليون 130 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 2023-يىلى 2 تىرىليون 720 مىليارد يۈەنگە يەتتى. كەلگۈسىدە، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلانما بازار تىجارىتىگە قولاي جاي بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى گۈزەل گۇاڭشى قۇرۇپ چىقىمىز.  

گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى لەن تيەنلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، گۇاڭشى كەسىپنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى كۈچەپ ياخشى قىلىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىغا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ۋەتەننىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە توسۇقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇستەھكەملەپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇردى.

لەن تيەنلى مۇنداق دېدى: 100 مىليارد دەرىجىلىك سانائەت كەسپىدىن ئوننى ۋە 100 مىليارد دەرىجىلىك ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك كەسپىدىن ئالتىنى بەرپا قىلدۇق، كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرى 10 مىڭدىن ئاشتى. مانگرو ئورمىنىنىڭ كۆلىمى مەملىكەت بويىچە 2- ئورۇندا، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ موللۇق دەرىجىسى مەملىكەت بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەر يىلى %80 ئەتراپىدىكى مالىيە چىقىمىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلەتتۇق.

ھازىر گۇاڭشى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلانما بازار تىجارىتىگە قولاي جاي بەرپا قىلىشنى تېزلەتىۋاتىدۇ. 

لەن تيەنلى مۇنداق دېدى: ھازىر بىز جۇڭگو-ۋىيېتنام چېگراسىدا ئەقلىي  پورت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىۋاتىمىز. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن نەننىڭدىن ۋىيېتنامنىڭ خانويغا بارىدىغان ماللار 24 سائەت ئىچىدە، ۋىيېتنامنىڭ شىمالىي چېگراسىدىكى تۆت ئۆلكىگە بارىدىغان ماللار 12 سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈلىدۇ. چېگرا بويىدىكى پورتقا يېقىن كەسىپلەر باغچە رايونى ۋە جۇڭگو ـ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كەسپىي ھەمكارلىق رايونىنى ياخشى قۇرۇپ، «گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى-بېيبۇ قولتۇقى ئىقتىساد رايونى-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى» چېگرا-رايون ھالقىغان كەسىپ زەنجىرى تەمىنات زەنجىرىنى تېز بەرپا قىلىۋاتىمىز.

غەربىي قىسىمدىكى قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولىنىڭ غول قۇرۇلۇشى بولغان پىڭلۇ قانىلىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى 2026-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتىدۇ. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى شۈ يوڭكې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قانال پۈتكەندىن كېيىن، بەش مىڭ تونناژلىق دەريا-دېڭىز ئارقىلىق بىۋاسىتە بارىدىغان پاراخوتلار شىجياڭ دەرياسى ئىچكى دەريا پورتىدىن ئېلىمىزنىڭ دېڭىز بويىدىكى پورتلىرى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئاساسلىق پورتلارغا بىۋاسىتە بارالايدۇ.

شۈ يوڭكې مۇنداق دېدى: غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ ماللىرى پىڭلۇ قانىلى ئارقىلىق دېڭىزغا چىقىدۇ، ھازىرقى سۇ تىرانسپورت يولى ئارقىلىق دېڭىزغا چىقىش مۇساپىسىدىن تەخمىنەن 560 كىلومېتىر قىسقىرىدى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئايلانما بازار تىجارىتىگە قولاي جاي بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى گۈزەل گۇاڭشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 12-ئىيۇن «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېمىسىدىكى بىر قاتار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى