5-ئايدا ئېلىمىزنىڭ ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.3 ئاشتى
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 12-ئىيۇن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 5-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.3 ئېشىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى داۋاملىق مۇستەھكەملەنگەن، ئېلىمىز ئىستېمال بازىرىنىڭ يۈرىشىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان.
5-ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى پەسىل خاراكتېرلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئازراق تۆۋەنلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.3 ئاشتى، ئۆسۈش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكى بىلەن ئوخشاش بولدى، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنى تەشكىل قىلىدىغان سەككىز چوڭ تۈردىكى تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسىدىن قارىغاندا، يېمەكلىك ۋە قاتناش، خەۋەرلىشىش باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىگەندىن سىرت، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ قاتارلىق باشقا ئالتە چوڭ تۈردىكى باھا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئۆسكەن. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شەھەر مەھكىمىسىنىڭ باش ئىستاتىستىكىچىسى دۇڭ لىجۈەننىڭ تەھلىل قىلىشىچە، 5 -ئايدا ئىستېمال بازىرىنىڭ يۈرىشىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيە باھاسىنى چىقىرىۋەتكەندە يادرولۇق ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.6 ئېشىپ، داۋاملىق مۆتىدىل ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان.
5-ئايدا، دۇنيا ياسىمىچىلىقىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ ئېشىشى، ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ تەدرىجىي ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ئەگىشىپ، مىس، ئاليۇمىن قاتارلىق رەڭلىك مېتال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پولات ماتېرىياللىرى بازىرىنىڭ مۆلچەرى ياخشى بولدى. ئېلىمىزنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھا كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئېشىپ، بۇلتۇر 11-ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مۇسبەتكە ئۆزگەردى.
دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باھا تەكشۈرۈش مەركىزى تەھلىل قىلىش-مۆلچەرلەش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ شۆۋۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنىڭ ئاساسى ئۆزگەرمەي، مال باھاسىغا تىرەك بولدى. كېيىنكى مەزگىلگە نەزەر سالساق، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئاھالىلەر ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش سىياسىتى يەنىمۇ ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، ئىچكى ئېھتىياج داۋاملىق ئەسلىگە كېلىدۇ، مال باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسى مۆتىدىل ئۆرلەش ھالىتىنى ساقلىشى مۇمكىن.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت