ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

توققۇز تارماق چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورتىنى كېڭەيتىپ، چەت ئەلدىكى ئامبار قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىرنى ئېلان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-13 15:29

سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىق توققۇز تارماق يېقىندا بىرلىكتە «چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورتىنى كېڭەيتىپ، چەت ئەلدىكى ئامبار قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، تاشقى سودىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلەتتى.

«پىكىر»دە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسىنى پائال يېتىلدۈرۈش، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئالاقىدار ئۇل ئەسلىھە ۋە ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش، ئۆلچەم قائىدىسى قۇرۇلۇشى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇش قاتارلىق بەش جەھەتتىن 15 تۈرلۈك تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورتى كېڭەيتىلىپ، چەت ئەلدىكى ئامبار ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئەلالاشتۇرۇلدى.

«پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنىڭ «كۆرگەزمە سۇپىسى ئارقىلىق چەتئەلگە يۈزلىنىشى»نى قوللاپ، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كاپىتالنى بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ چەت ئەلدىكى ئامبىرى قاتارلىق ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا يېتەكلەش؛ جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسى بويىدىكى چەت ئەل ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有