ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-13 15:29

 پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جايلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نىشان تەلىپىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆلكە بويىچە پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتى لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق شەرھلەپ چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دەرىجە، تۈرگە ئايرىپ مەركەزلىك تەربىيەلەشكە تەشكىللەپ، «نىزام»نى ئۆگىنىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا تۈرتكە بولدى. شېنجېن شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېڭ ۋەنچىڭ مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لارنى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىشى، كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، نىزامنى ماددىمۇ ماددا ئۆگىنىشكە كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى قاتتىق چىڭ تۇتۇشىغا تۈرتكە بولدۇق؛ پارتىيە ياچېيكىسى «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنىدە نىزامنى ئۆگىنىشنى باش تېما قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

جىلىن ئۆلكىسى نىشان-ۋەزىپىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دېلو ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەلىم-تەربىيە ئارقىلىق ئۆگىنىشكە ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا، قەلبىگە سىڭدۈرۈش، ھەرىكىتىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. تور ئىچى ۋە سىرتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىشنىڭ قاپلاش دائىرىسى ۋە تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىپ، قويۇق ئۆگىنىش كەيپىياتى ياراتتى. جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى 2-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گۇەن ليۇسى مۇنداق دېدى: ئىبرەت تەربىيەسىنى، قايتا ئويلىنىش، چۈشەندۈرۈش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پاكلىق دەرسخانىسى، يېڭى دەۋر e ياچېيكىسى، جىلىن بۇلۇت پارتىيە مەكتىپى قاتارلىق ئۆزگىچە ۋاسىتىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈردۇق. دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق توپقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئۆلكىدىكى جايلار، تارماقلارنى پۇشايمان خاتىرىسى، ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمى ۋە پاكلىق تەربىيەسى كۆرگەزمىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدۇق.
يۈننەن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆلكە بويىچە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يولغا قويۇش لايىھىسى تۈزۈپ، ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش، ئىبرەت تەربىيەسى، تەربىيەلەپ چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنى چۆرىدەپ، توققۇز تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، دائىم چىڭ تۇتۇپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاش، قىزىل سىزىققا دەسسىمەسلىكنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى. يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى 1-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى لىڭ مۇنداق دېدى: ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن مەركەزلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، «نىزام»نى ئەينەن، باب، ماددىلار بويىچە كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىپ، ئۆلكە بويىچە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولدى

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى

پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جايلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى.