قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى
◄مۇخبىرنىڭ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدە ئەمەلىي پۇقراۋى ئىگىلىك ئاساسى گەۋدىسى 180 مىليون 450 مىڭغا يېتىپ، بارلىق تىجارەت ئەمەلىي گەۋدىسى ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 2019-يىلىدىكى %95.5 تىن %96.4 كە كۆپىيىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئېلىمىز ئىقتىسادىدىكى نىسبىتى مۇقىم ئاشقان.
◄12-ئىيۇن سائەت 15تىن 20 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ بېيجىڭغا كىرىدىغان سۇ مىقدارى 10 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتتى. بېيجىڭغا كىرگەن «جەنۇبنىڭ سۈيى»نىڭ %70ى شەھەر تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە ئىشلىتىلىپ، بېيجىڭنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسىگە ئايلاندى، بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشكەن نوپۇس 16 مىليوندىن ئاشتى.
◄سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ يورۇقلۇق ۋولت كەسپى ئومۇمىي جەھەتتىن يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلىغان. مەملىكەت بويىچە كىرىستاللىق كىرېمنىيلىق فوتوۋولت بىرىكمە زاپچاسلىرىنىڭ ئېكسپورت مىقدارى 83.8 (گىگاۋات)قا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 ئاشقان، فوتوۋولت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 12 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئېلىمىزنىڭ يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنيا بازىرىدىكى كۈچلۈك رىقابەت كۈچى نامايەن قىلىنغان.
◄جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان HH-100 ئاۋىياتسىيە سودىدا ئىشلىتىلىدىغان ئادەمسىز تىرانسپورت سىستېمىسىنى تەكشۈرگۈچ 12-ئىيۇن شەنشىنىڭ شىئەندە تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇش سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.
◄ 2024-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى «ياشلارنىڭ ئىنقىلابىي ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەپىرى» پائالىيىتى 12-ئىيۇن شاڭخەيدە باشلاندى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە «جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ياشلىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېما قىلىنىپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەتكە بولغان مۇھەببىتى ئۇرغۇتۇلۇپ، شەخسىي كۈرىشىنى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇلدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى