پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى ئاۋمېندا لېكسىيە سۆزلىدى
پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى 8-ئاينىڭ 27-، 28-كۈنلىرى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا مەركەزنىڭ ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرى ۋە جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ئۆمىكى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرىغا ئۈچ مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى ۋە نەق مەيداندا پىكىر ئالماشتۇردى.
مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىن «قارارى» نى چۆرىدەپ، 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر تەسىرىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، باش نىشانى ۋە مۇھىم پىرىنسىپىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ۋە ئاۋمېننىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «قارار»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم تەدبىر ۋە ۋەزىپە،تەلەپلەرنى نۇقتىلىق چۈشەندۈردى.
يىغىنغا قاتناشقان ئاۋمېننىڭ ھەر ساھە زاتلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاۋمېن 3-ئومۇمىي يىغىن ئېلىپ كەلگەن زور پۇرسەتنى ئىگىلەپ، «بىر مەركەز، بىر سۇپا، بىر بازا» قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى ۋە خېڭچىن گۇاڭدۇڭ-ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا، ئاۋمېنچە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىدە يېڭى سەھىپە پۈتۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا