2024-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا بۈيۈك مەلۇمات كەسپى كۆرگەزمىسى باشلاندى
2024-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا بۈيۈك مەلۇمات كەسپى كۆرگەزمىسى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى باشلاندى. دۆلەتلىك سانلىق مەلۇمات ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى: ئېلىمىزنىڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتىدۇ، كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %20 تىن يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ، سانلىق مەلۇمات كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا دەسلەپكى ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىشىدىن ئۈمىد بار، دېدى.
ئېلىمىزنىڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، تۈرلىرى بىر قەدەر تولۇق بولغان سانلىق مەلۇمات كەسىپ زەنجىرى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، بۇ قېزىش، ساقلاش، ھېسابلاش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىشنىڭ پۈتكۈل ھاياتلىق دەۋرىيلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بېيجىڭ قاتناش داشۆسى ئۇچۇر باشقۇرۇش نەزەرىيەسى ۋە تېخنىكىسى خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ شياڭخۇڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: سانلىق مەلۇمات كەسپىنىڭ ئېشىشى ئىنتايىن تېز بولۇپ، 2020-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %25 تىن كۆپرەك ئاشتى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2023-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە سانلىق مەلۇمات كەسپى يەنىلا %20 تىن يۇقىرى ئېشىش نىسبىتىنى ساقلايدىكەن.
سانلىق مەلۇمات كەسپى سانلىق مەلۇماتنى ئامىللاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى باسقۇچىدىكى بىر خىل يېڭىچە كەسىپ شەكلى، دۆلەتلىك سانلىق مەلۇمات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ ليېخۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، دۆلىتىمىز سانلىق مەلۇمات كەسپىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ. يېتىلدۈرىدۇ ۋە زورايتىدۇ. كەسىپ پىلانى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ماسلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىدىغان، كەسىپ زەنجىرىنىڭ باش ۋە ئاياغ ھالقىلىرى ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ھەمكارلىشىپ بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان، ئۆزگىچە تەرەققىي قىلىدىغان، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم سانلىق مەلۇمات كەسپى توپلاشقان رايونلارنى بەرپا قىلىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا