ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-30 14:29
«جۇڭگو ئىنتېرنېت تەرەققىيات ئەھۋالى ئىستاتىستىكا دوكلاتى» ئېلان قىلىندى

 جۇڭگو ئىنتېرنېت ئۇچۇر مەركىزى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى  ئېلان قىلغان 54-قېتىملىق «جۇڭگو ئىنتېرنېت تەرەققىيات ئەھۋالى ئىستاتىستىكا دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 6-ئايغىچە، ئېلىمىزدىكى تور ئەھلى 1 مىليارد 996 مىليونغا، ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %78 كە يەتكەن.


ئېلىمىز مەملىكەت بويىچە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش ئورۇن بەلگىلەش ئاساسىي پونكىتى تورى بەرپا قىلدى

 مۇخبىرنىڭ تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئېلىمىزدە 3300 دىن ئارتۇق ئۆلچەملىك پونكىتتىن تەركىب تاپقان مەملىكەت بويىچە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش، ئورۇن بەلگىلەش ئۆلچەملىك پونكىتى تورى قۇرۇلغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئابۇنتلار بىر تۇتاش رويخەتكە ئالدۇرۇش، يوچۇقسىز كەزمە ۋە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئورۇن بەلگىلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدىكەن.


1-ئايدىن 7-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى 197 تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشتى.

 جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروتى ئومۇمىي سوممىسى 197 تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشقان. سانائەت چوڭ تۈرىدىكى 41 كەسىپ ئىچىدە 33 كەسىپنىڭ ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن مۇسبەت ئاشقان.



5-نۆۋەتلىك دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر رەھبەرلىرى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

5 - نۆۋەتلىك دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر رەھبەرلىرى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى 8-ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە شەندۇڭنىڭ چىڭداۋدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مەزگىلدە 163 مەبلەغ سېلىش سودا تۈرىدە كېلىشىم ئىمزالاندى، بۇنىڭ ئىچىدە مەبلەغ سېلىش تۈرى 121، مەبلەغ سېلىش سوممىسى 12 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى؛ سودا تۈرى 42، توختام سوممىسى 40 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى. 


تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى