ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز مائارىپچىلار روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-30 14:32
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپچىلار روھىنى نۇرىلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى»گە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى: مائارىپچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن نۇرىلاندۇرۇپ، مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا تىرەك بولىدىغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىمىز، دېدى.
نۆۋەتتە، ئېلىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل ئوقۇتقۇچىلار جەمئىي 18 مىليون 918 مىڭىغا يەتتى، بۇ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى مائارىپ سىستېمىسىغا تىرەك بولدى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ جيايى مۇنداق دېدى: ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە تىرىشىش ئارقىلىق، مائارىپچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن نۇرىلاندۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، كەسىپنى قەدىرلەپ ئۆگىنىش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش ئىجتىمائىي كەيپىياتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىمىز. 2035-يىلىغىچە مائارىپچىلار روھى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاڭلىق ئىنتىلىشىگە ئايلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رەقەملەشكەن، كۈچ بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نورمال ھالەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەيمىز ۋە ئۆستۈرىمىز.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مائارىپ، ئوقۇتۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئىشلار مەكتەپلەرگە كۆپلەپ كىرىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، نورمال تەلىم-تەربىيە، ئوقۇتۇش تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈ ۋېييۆ: مەكتەپلەرنىڭ نورمال ئوقۇ-ئوقۇتۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، ناچار قىممەت يۆنىلىشىنى تەشۋىق قىلىدىغان ۋە سودا ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پائالىيەتلەرنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىشىگە بىردەك يول قويۇلمايدۇ، دېدى.
بۇ قېتىمقى ھۆججەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش ۋە بايلىق تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يۈ ۋېييۆ تونۇشتۇرۇپ: ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا كىرىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيىتىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك، دېدى.
يۈ ۋېييۆ مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، مائارىپ ساھەسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنى ئىقتىدارى، ئەمەلىي نەتىجىسى ۋە تۆھپىسىگە قاراپ باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، نومۇرغىلا، ئۆرلەپ ئوقۇشقىلا، دىپلومغىلا، ئىلمىي ماقالىغىلا، قالپاققىلا ئېسىلىۋېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار قەتئىي تۈگىتىلىپ، تەرەققىيات خاراكتېرلىك باھالاش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. كەمچىل، ئاجىز پەنلەر ئوقۇتقۇچىلىرىنى سەپلەش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئالىي مەكتەپلەردىكى باشقا كەسىپلەردە قوشۇمچە ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتقۇچىلار كارخانا ئەمەلىيىتى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېڭى تېخنىكىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ. 

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىز مائارىپچىلار روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىدۇ

ئېلىمىز مائارىپچىلار روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىدۇ