«جۇڭگو-ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەرەققىيات دوكلاتى»نىڭ 2024-يىللىق نۇسخىدىكى كۆك تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-30 14:38
«جۇڭگو- ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ < بىر بەلباغ، بىر يول > نى تەڭ قۇرۇش تەرەققىيات دوكلاتى»نىڭ 2024-يىللىق نۇسخىدىكى كۆك تاشلىق كىتاب 8-ئاينىڭ 29-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ئۇدا 15 يىل ئافرىقىنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ كەلگەن، جۇڭگو-ئافرىقا سودا سوممىسىنىڭ ئافرىقىنىڭ ئومۇمىي تاشقى سودىسىدا ئىگىلىگەن سوممىسى مۇقىم ئاشقان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئافرىقىنىڭ قاتناش، ئېنېرگىيە ۋە يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ-چوڭ تۈرلەر يولغا قويۇلۇپ، جۇڭگو ـ ئافرىقا ئىككى تەرەپ سودا سوممىسىنىڭ ئافرىقا ئومۇمىي تاشقى سودىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %20 تىن ئېشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە نامراتلىقنى ئازايتىش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى رايون ئېچىۋېتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شۈ جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: 2023-يىلى جۇڭگو-ئافرىقا سودا سوممىسى 282 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئۇدا ئىككىنچى يىلى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يېڭىلىدى، جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا بىۋاسىتە سالغان مەبلىغىنىڭ ساقلانما مىقدارى 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى؛ 2024-يىلى جۇڭگو ـ ئافرىقا سودا سېلىنمىسى داۋاملىق مۇقىم تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، جۇڭگو ـ ئافرىقا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچى ۋە ئېلاستىكلىقى تولۇق نامايان قىلىندى.
دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشتا يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كەلگۈسىدە جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ يېشىل تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل