«دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى بويىچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇشلۇقى» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-30 14:53
ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى دەرسلىككە، دەرسخانىغا، كاللىغا كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەشكىللەپ تۈزگەن ماركسىزملىق نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى نۇقتىلىق دەرسلىك «دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى بويىچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇشلۇقى» ئالىي مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014ـ يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى مەركىزىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ 1ـ يىغىنىدا ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى. ئون يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ماركسىزملىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى نەزەرىيەسىنى ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئەمەلىيىتى، جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى ئىستراتېگىيەلىك مەدەنىيىتى بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئەمەلىيىتىدە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى.
«دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى بويىچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇشلۇقى» ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق شەرھلەنگەن تۇنجى بىر تۇتاش تۈزۈلگەن دەرسلىك، ئالىي مەكتەپلەردە دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى ئاممىۋى ئاساسىي دەرس تەسىس قىلىشتىكى نوپۇزلۇق كىتاب. پۈتۈن كىتاب مۇقەددىمە ۋە 10 بابتىن تەركىب تاپقان.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت