چۇڭچىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت بايلىقىدىن جانلىق پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى
باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتنى بەرپا قىلىش، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلەرگە تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىش جەريانىدا مەدەنىيەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇش، قەلب گۈزەللىكىنى تاۋلاش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چۇڭچىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت بايلىقىدىن جانلىق پايدىلىنىپ، بازارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياغا داڭلىق ساياھەت مەنزىلى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى.
بۇ يىل يازلىق تەتىلدە، چۇڭچىڭ شەھىرى بېيبېي رايونى جىنداۋشيا بازىرىدىكى پيەنيەن قەدىمىي بازىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى ئارام ئېلىش، سەيلە قىلىشقا جەلپ قىلدى. بەزىلەر قەدىمىي بازارنىڭ كونا كوچىلىرىدا سەيلە قىلسا، بەزىلەر ئۆستەڭ بويىدا سالقىنلىدى. ئادەملەر لىق تولۇپ، بازار قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى.
پيەنيەن قەدىمىي بازىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ يىللىرىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە يۈپىڭ بىلىم يۇرتى، ۋەننيەن سۇپىسى، تۈگمەن مېھمانسارىيى قاتارلىق قەدىمىي ئىمارەتلەر ساقلىنىپ قالغان، تارىخىي ئاساسى چوڭقۇر. بىر يىل ئىلگىرى، پيەنيەن قەدىمىي بازىرى باشقىچە تۈسكە كىردى. بۇ يەردە ياشاۋاتقىنىغا 10 نەچچە يىل بولغان ئاھالە شيې سى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى سىستېمىلىق ئاسراش كەمچىل بولغاچقا، قەدىمىي بازاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەر ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن ئىدى. ئىلگىرى، كونا ئۆيلەر ۋەيرانە، قىڭغىر-قىيسىق بولۇپ، سەل خەتەرلىك بولۇپ قالغان ئىدى. كوچىلاردىكى تاش تاختا يولنىڭ بەزىلىرى ئوڭغۇل-دوڭغۇل بولۇپ، سەللا دىققەت قىلمىساق تېيىلىپ كېتەتتۇق، ھەتتا يىقىلىپ چۈشەتتۇق.
شۇ جاي تۆۋەن ئۈنۈملۈك، ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇلغان دۆلەت مۈلكىدىن جانلىق پايدىلىنىپ، ئەنئەنىۋى ئۆزگەرتىش تۈرىنىڭ جانلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، قەدىمىي بازار كوچىسىدىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى سىناق قىلىپ، ساقلانما مۈلۈكنى «جانلاندۇرۇش»قا بەل باغلىدى. جىنداۋشيا بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لۈ يۈچۈن مۇنداق دېدى: بىز ھوقۇق تەۋەلىكى ماجىراسى قاتارلىق تارىختىن قېلىپ قالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق، ئاندىن دۆلەت ئىلىكىدىكى سۇپا شىركىتى بازار باھاسىغا ئاساسەن باھالاپ، ئۇلارنى يىغىپ ساقلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز بازار ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ قولىدىكى بىر قىسىم مۈلۈك ھوقۇقى ياكى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى جانلاندۇرۇپ، قەدىمىي بازارنى بىر تۇتاش جانلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق.
مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھۆكۈمەت، كارخانىلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، ئورتاق كۈچ چىقىرىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. بېيبېي رايونىغا جايلاشقان جىنيۈنشەن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون چۇڭچىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيەلىك توسىقى. جىنيۈنشەندىكى بىر پۇقراۋى قونالغۇدا، خوجايىن ليۇ خاۋ ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن ھويلا-ئارام لايىھەسنى مەسلىھەتلىشىپ، كەلگۈسىدە پۇقراۋى قونالغۇنى كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىشنى تەتقىق قىلدى.
ليۇ خاۋ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىزنىڭ بۇ يەر سەھرا ئارامگاھى ئىدى، كېيىن بىز 3-تەرەپ لايىھەلەش شىركىتىنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بۇ يەرنى پۇقراۋى قونالغۇغا ئايلاندۇردۇق، ياتاق ۋە يېمەك-ئىچمەك سۈپىتىمۇ ئۆستى. بىز ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاستا-ئاستا بىر قىسىم بازار بايلىقىنى كىرگۈزۈپ، خېرىدارلارنىڭ تەسىراتىنى بېيىتىۋاتىمىز.
يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ھەم مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم تۇتقىسى، ھەم مۇھىم نىشانى. چۇڭچىڭ شەھىرى دازۇ رايونى ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى مودا ئامىللىرىنى ئەپچىللىك بىلەن ئورگانىك يۇغۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت ئىجادىي مەھسۇلاتلىرىنى ياراتتى.
بۇ يىل يازلىق تەتىلدە، دازۇ تاش ئويما مەنزىرىگاھى ساياھەت يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، «تاش ئويما سەيياھلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل قول ھۈنەر بۇيۇمىنىڭ سودىسى قىزىپ كەتتى. چۇڭچىڭ دازۇ تاش ئويما ساياھەت گۇرۇھىنىڭ خىزمەتچىسى لى جيا مۇخبىرغا، بىز ئالىي مەكتەپ، بازار ئاساسىي گەۋدىسى بايلىقىدىن جانلىق پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتۇق دېدى.
لى جيا مۇنداق دېدى: بىز ھەر قايسى چوڭ گۈزەل سەنئەت مەكتەپلىرى، مەدەنىيەت ئىجادىيەت كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، زور بىر تۈركۈم يېڭى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سېلىپ، بازارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتۇق، بىزنىڭ يازلىق تەتىللىك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشتى.
سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار كەسىپلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 58 مىليارد 315 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.2 ئاشقان؛ ساياھەت ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار كەسىپلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 58 مىليارد 663 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشقان. نۆۋەتتە، چۇڭچىڭ باشۇ مەدەنىيەت-ساياھەت كارىدورى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياغا داڭلىق ساياھەت مەنزىلى بەرپا قىلىۋاتىدۇ. چۇڭچىڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى كەسىپ باشقارمىسىنىڭ كادىرى جۇڭ رۈيخەن مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم ئىلگىرىلەش نىشانىغا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت-ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە مەھسۇلات سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق بېيىتىپ، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز؛ مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى داۋاملىق يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت-ساياھەت ساھەسىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن