جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى 20 ئالتۇن مېدال، 15 كۈمۈش مېدال، 7 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، مېدال سانىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى
پارىژ مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلانغاندىن كېيىنكى ئۈچىنچى كۈنى، جۇڭگو ماھىرى جاۋ يۈپىڭ ئاياللارنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا نەيزە ئېتىش F13 دەرىجىلىكلەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 47 مېتىر 6 سانتىمېتىرلىق نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولدى ھەمدە ئاياللارنىڭ نەيزە ئېتىش F12 دەرىجىلىكلەر بويىچە دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىدى.
پارىژ مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئەرلەرنىڭ 1000 مېتىرغا ۋېلىسىپىت مىنىش شەخسىي ۋاقىت ھېسابلاش مۇسابىقىسىنىڭ C1-3 دەرىجىلىكلەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ماھىرلىرىدىن لى جاڭيۈ ئالتۇن مېدالغا، لياڭ ۋېيسۇڭ كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.
ئاياللارنىڭ ئوقيا ئېتىش يەككە W1 دەرىجىلىكلەر بويىچە ئالتۇن مېدالنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە جۇڭگو ماھىرى چېن مىنيى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
جۇڭگو گۇرۇپپىسىدىكى ساۋ نىڭنىڭ بىلەن فېڭ پەنفېڭ ئەرلەرنىڭ تىكتاك توپ جۈپ ئويناش مۇسابىقىسىنىڭ 8 دەرىجىلىكلەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.
جۇڭگو ماھىرلىرى يەنە تىكتاك توپ ئارىلاشما جۈپ ئويناش XD17 دەرىجىلىكلەر، ئاياللار چويۇن توپ F37 دەرىجىلىكلەر، ئاياللار 50 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش S11 دەرىجىلىكلەر قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەردە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
ھازىر جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى 20 ئالتۇن مېدال، 15 كۈمۈش مېدال، 7 مىس مېدالغا ئېرىشىشتەك مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن مېدال سانىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا، سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن