ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جىلىن يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى تەرەققىياتىنىڭ «يېڭى مۇسابىقە يولى»نى ئىگىلەپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-02 14:51

جىلىن ئۆلكىسى يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ «يېڭى مۇسابىقە يولى» نى پائال ئىگىلەپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال يادرو قىلىنغان كەسىپ توپىنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىلدۈرۈپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش كەسىپ زەنجىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇردى.
جىلىن ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى بىر خىمىيەلىك تالا شىركىتىنىڭ ئاقما لىنىيەسىدە، قاپقارا كاربون تالالىق قىسىش تاختىسى ئىشلەپچىقىرىلدى. كاربون تالاسى يېنىك، چىدامچانلىقى يۇقىرى، چىرىشكە چىداملىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا ئۆلچىمى يۇقىرى، ھەل قىلىش تەس بولۇش ئەھۋالى مەۋجۇت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىركەت تەتقىق قىلىش كوللېكتىپى تەشكىللەپ، تۇنجى بولۇپ ئىجاد قىلغان 25K,35K,50K لىق چوڭ يىپلىق كاربون تالاسىنى ئومۇميۈزلۈك بازارغا سالدى. شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ خەيئوۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كاربون تالالىق قىسىش تاختىسىنىڭ زاكازى بۇلتۇرقىدىن بەش ھەسسە ئاشتى. ھۈنەر-سەنئەت پارامېتىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، كاربون تالاسىنى پىششىقلاپ ئىشلەش تەننەرخىنى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىتىپ، كاربون تالاسىنىڭ ئاياغ ھالقا قوللىنىش ساھەسىدە، مەسىلەن يورۇقلۇق ۋولت، شامال ئېلېكتىرى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىلىشىنى كېڭەيتتۇق.
پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جىلىن ئۆلكىسى مۇھىم نۇقتىنى يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرگە قارىتىپ، شامال ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش تۈرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇردى. بەيچېڭ شەھىرى تۇڭيۈ ناھىيەسىگە جايلاشقان جىلىن تۇڭيۈ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىكى بەش كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى فېڭدىيەن چوڭ يولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئون نەچچە شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش كەسپى توپلاشقان. تۇڭيۈ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خەيگاڭ مۇنداق دېدى: ھازىر بىزنىڭ ئاساسلىق شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش كارخانىلىرىمىز ئاساسلىقى يەنىلا مۇشۇ شامال ئېلېكتىر چوڭ زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، گېنېراتور، چىشلىق چاق ساندۇقى قاتارلىق قوشۇمچە قىممىتى يۇقىرى زاپچاسلارغىمۇ پۈتۈن ناھىيەدىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ خېرىدار چاقىرىۋاتىمىز.
تۇڭيۈ ناھىيەلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ شاۋبىن مۇنداق دېدى : شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش كەسپىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىش قەدىمىنى تېز ئىلگىرى سۈردى. 2023-يىلى ناھىيە بويىچە يېڭى ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش مىقدارى 10 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى، مەھسۇلات قىممىتى 3 مىليارد يۈەنگە، ئۈسكۈنە ياساش كارخانىلىرىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 3 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە، ئىككى چوڭ ئېنېرگىيە بۆلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال مەھسۇلات قىممىتى 6 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ ناھىيە بويىچە سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %70 گە يېقىنىنى ئىگىلىدى.
2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شامال ئېلېكتىر ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 17 مىليون 276 مىڭ 800 كىلوۋاتقا يېتىپ، شۇ جايدىكى توك چىقىرىش ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ %40.5 نى ئىگىلىدى. يېشىل ئېلېكتىر كۆمۈر ئېلېكتىرىدىن ئېشىپ، جىلىن ئۆلكىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىر مەنبەسىگە ئايلاندى. جىلىن ئۆلكىسى ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن «ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى جىلىن» ھەرىكىتىنى يولغا قويدى، نۆۋەتتە بىر تۈركۈم 10 مىليارد دەرىجىلىك ھىدروگېن ئاساسلىق يېشىل ئېنېرگىيە تۈرى قۇرۇلۇشى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مۆلچەرلىنىشىچە، 2025-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىسى 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى 30 مىليون كىلوۋاتقا يەتكۈزىدىكەن.
جىلىن ئۆلكىلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى يېڭى ئېنېرگىيە ۋە تېرىلمە ئېنېرگىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ چېڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە جىلىن ئۆلكىسى «يېشىل ئېلېكتىر+» گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشنى داۋاملىق تېزلىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى بىلەن يېڭى ماتېرىيال كەسپى، چوڭ جابدۇق توپى، يېڭى ئۇل قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ. يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز بەرپا قىلىپ، «يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كەسىپ تەرەققىياتى يېڭى ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان» يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جىلىن يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى تەرەققىياتىنىڭ «يېڭى مۇسابىقە يولى»نى ئىگىلەپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈردى

جىلىن ئۆلكىسى يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ «يېڭى مۇسابىقە يولى» نى پائال ئىگىلەپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال يادرو قىلىنغان كەسىپ توپىنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىلدۈرۈپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش كەسىپ زەنجىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇردى.