ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكى يارىتىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-02 14:54

پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قانداق قىلغاندا يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ياراتقىلى بولىدۇ؟ بۈگۈنكى«نوپۇزلۇق سۆھبەت» ماۋزۇلۇق خەۋىرىمىزدە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرى جىن جۇاڭلۇڭ بىلەن بولغان مەخسۇس زىيارەت دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
ئومۇمىي يىغىندا ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ مۇۋاپىق نىسبىتىنى ساقلاش سېلىنما مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جىن جۇاڭلۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، ياسىمىچىلىقنىڭ مۇۋاپىق نىسبىتىنى ساقلاشنى چۆرىدەپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسىپلەرنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، رەقەملىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپ يېڭى بوشلۇقىنى تىرىشىپ كېڭەيتىدۇ.
جىن جۇاڭلۇڭ مۇنداق دېدى: مالىيە-باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق قوللاش سىياسەتلىرىنى سەرخىللاشتۇرۇش پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ياسىمىچىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال تەننەرخى ۋە باج يۈكى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىلىپ، كەسىپ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تايانچ قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى تېزدىن بەرپا قىلىنىدۇ.
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى مۇستەھكەملەپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، گۈللەنمە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
جىن جۇاڭلۇڭ مۇنداق دېدى: ئادەم سىياقلىق ماشىنا ئادەم، مېڭىنى ماشىنىغا ئۇلاش، 6G، ئاتوم دەرىجىلىك ياساش، پاكىز ھىدروگېن، يېڭىچە ئېنېرگىيە ساقلاش قاتارلىق يېڭى ساھە، يېڭى مۇسابىقە يولى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ئىجادىي، يېڭىلاش خاراكتېرلىك تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە بەلگە خاراكتېرلىك مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاھۇ كارخانىلار، كەركىدان كارخانىلار تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ ۋە زورايتىلىپ، كەلگۈسى پەن-تېخنىكا ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئېگىزلىكى ياخشى ئىگىلىنىدۇ.
«قارار»دا، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جىن جۇاڭلۇڭ مۇنداق دېدى: تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەيتىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا رايونى، دۆلەت ئىلغار ياسىمىچىلىق توپى مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، 2027-يىلىغىچە 200 ئەتراپىدا يۇقىرى ئۆلچەملىك رەقەملىك باغچە رايونى قۇرۇش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە يېتىشتۈرۈلگەن كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا 140 مىڭدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانا 12 مىڭغا يەتتى.
جىن جۇاڭلۇڭ مۇنداق دېدى: «كىچىك گىگانت» كارخانىلارنىڭ يېتەكچىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار بىلەن پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش ماس ئالغا سىلجىتىلىپ، «ئۇرۇق تاللاش، مايسا يېتىشتۈرۈش، ئەلالىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش»تىن ئىبارەت پۈتۈن دەۋرىيلىك يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ. 2027-يىلىغىچە، كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىلارنى رەقەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش بىلەن تولۇق قاپلاش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكى يارىتىلىدۇ

پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.