2024-يىلى يازلىق تەتىللىك كىنولارنىڭ تېمىسى كۆپ خىل، تۈرى مول بولۇپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن فىلىملەرنىڭ بېلەت كىرىمى %70 تىن ئاشتى
دۆلەتلىك كىنو ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل يازلىق تەتىلدە مەملىكەت بويىچە كىنو بېلەت كىرىمى 11 مىليارد 643 مىليون يۈەنگە، كىنو كۆرگۈچىلەر 285 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن فىلىملەرنىڭ بېلەت كىرىمى 8 مىليارد 481 مىليون يۈەن بولۇپ، %72.84 نى ئىگىلىگەن.
بۇ يىل يازلىق تەتىلدە جەمئىي 100 دىن ئارتۇق فىلىم قويۇلدى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ياخشى فىلىملەرمۇ، ئىمپورت قىلىنغان فىلىملەرمۇ بار، فىلىم تۈرى كۆپ خىل بولۇپ، فىلىم بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك، تېمىسى كۆپ مەنبەلىك، تۈرى مول بولدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا، سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا