جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 9-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجە ھۆججەت لايىھەسى ماقۇللاندى
جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 9-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ئافرىقىدىكى 53 دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى، ئىقتىساد مىنىستىرى ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق رايون خەلقئارا تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ قارالمىسى ۋە نەتىجە ھۆججەت لايىھەسىگە قاراپ چىقىلدى ۋە ماقۇللاندى، باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى.
جۇڭگو تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ «توققۇز تۈرلۈك قۇرۇلۇش» قاتارلىق نەتىجە تەدبىرلىرىنى بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ «سۈرئىتىنى تېزلىتىش»كە، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنى «تېز سۈرئەتلىك يولغا»غا كىرگۈزۈشكە، جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، مۇنبەرنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ قېتىمقى باشلىقلار جۇڭھگو-ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتىكى يەنە بىر قېتىملىق تارىخىي كاتتا يىغىن بولىدۇ، «يەر شارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى ئابىدىسىنى بىرلىكتە تىكلەيدۇ.
ئافرىقا تەرەپ جۇڭگو بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ «2063-يىل قارالمىسى»نى جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە بىر قاتار دۇنياۋى تەشەببۇسلىرى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەڭ تەرەققىيات، تەڭ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا