مائارىپ مىنىستىرلىقى 40-ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ۋە مەملىكەتلىك مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
40-ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ۋە مەملىكەتلىك مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش پائالىيىتى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، مەملىكەت بويىچە 585 ئورۇن، 1790 كىشى تەقدىرلەندى.
مائارىپچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا پائال ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان 585 ئىلغار كوللېكتىپ ۋە 1790 ئىلغار شەخسنى تەقدىرلىدى. مەملىكەتلىك نەمۇنىلىك ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلى، چۇڭچىڭ سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ياڭ ياڭ مۇنداق دېدى: ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا بىر تۈرلۈك ماھارەت ئۆگىتىش-مېنىڭ ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى ئەسلى مەقسىتىم، مەن دۆلەتنىڭ تەلىپىنى چۆرىدەپ، ئۆز ئورنۇمنى توغرا تېپىپ، تىپىك ئۈلگىلىك رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تەربىيەلەپ، جەمئىيەتنىڭ كەسپىي مائارىپقا بولغان ئۈمىدىنى ئاقلايمەن.
مائارىپ مىنىستىرى خۇەي جىنپېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنى، ئادەم تەربىيەلەشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدۇر. ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ئالىيجاناب، كەسىپتە پىشقان، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ھاياتىي كۈچكە تولغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش كېرەك؛ ئوقۇتقۇچىلار ئىللىق قەلبكە ئىگە ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى مائارىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا تىرىشىپ مۇۋاپىق تەربىيەلىنىش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت