ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەت بويىچە كۈزلۈك تېرىلغۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، بىرلىك مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-23 12:27

ھازىر مەملىكەت بويىچە كۈزگى بۇغداينىڭ %90 تىن كۆپرەكى تېرىلىپ بولدى، كۈزگى قىچا تېرىش ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى. جايلار بىر قاتار ھالقىلىق تەدبىرلەرنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىك مەھسۇلاتنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردى.

كۈزلۈك تېرىمدىن بۇيان، كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ ھاۋا رايى شارائىتى ئومۇمىي جەھەتتىن پايدىلىق بولدى. خۇاڭخې، خۇەيخې، خەيخې دەرياسى بويىدىكى رايونلار بۇغداي تېرىلىدىغان ئاساسلىق رايونلار، يازلىق ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى ئەڭ چوڭ ئۆلكە خېنەن ئۆلكىسى يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، بۇغداي تېرىش كۆلىمىنى 85 مىليون مودىن ئاشۇردى، نۆۋەتتە بۇغداي مايسىلىرىنىڭ ئۈنۈشى بىر قەدەر ياخشى بولماقتا.

شەندۇڭ ئۆلكىسى بۇ يىل كۈزلۈك يىغىم، كۈزلۈك تېرىم مەزگىلىدە 60 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، يۇقىرى ئىقتىدارلىق سېيالكا مەشغۇلات ياردەم تولۇقلىمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇرۇق سېلىش ماشىنىلىرىنى يېڭىلاشقا يېتەكلەپ، يۇقىرى ئىقتىدارلىق 32 مىڭ ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىنى كېڭەيتىپ، كۈزلۈك ئۇرۇق سېلىش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنى كۈزگى قىچا تېرىيدىغان ئاساسلىق رايون، جياڭشى ئۆلكىسى كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا، 93 «بىرگە بىر» خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى، ئۇلار يېزا ئىگىلىكىگە ناھىيەلىرىگە بېرىپ، قىچا ئىشلەپچىقىرىشىغا مۇلازىمەت ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، 9 مىليون مو يەرگە قىچا تېرىشنى ئىلگىرى سۈردى. يۇقىرى ھوسۇللۇق قىچا ئېتىزىدىن 166نى نۇقتىلىق بەرپا قىلىش ئارقىلىق، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىگە تۈرتكە بولۇپ، مەھسۇلاتنى كەڭ كۆلەمدە تەكشى ئاشۇردى.

بۇ يىل كۈزلۈك ۋە قىشلىق تېرىقچىلىقتا، ھەر قايسى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىمۇ توپلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش سالمىقىنى زورايتىپ، بۇغداينى تۈجۈپىلەپ تېرىش، تېرىغاندىن كېيىن باستۇرۇش ۋە قىچىنى زىچ تېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، تېرىش سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، مەھسۇلاتنى مۇقىم ئاشۇرۇش ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەت بويىچە كۈزلۈك تېرىلغۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، بىرلىك مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ھازىر مەملىكەت بويىچە كۈزگى بۇغداينىڭ %90 تىن كۆپرەكى تېرىلىپ بولدى، كۈزگى قىچا تېرىش ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى. جايلار بىر قاتار ھالقىلىق تەدبىرلەرنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىك مەھسۇلاتنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردى.