ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نۇرغۇن يېڭى تەدبىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئېلىمىز تاشقى سودىسىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-23 12:31

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى، سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماقنىڭ مەسئۇللىرى تاشقى سودىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىرلەرنى تونۇشتۇردى.

سودا مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى قوللاشنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز. ئېلىمىزدىكى 120 مىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورت كارخانىسىغا قارىتا، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن قۇرۇلۇشنى ياخشى ئىشلەپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپ بەلبېغىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو ۋە چەت ئەل سودا خادىملىرىنىڭ بېرىش-كېلىشىگە تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ، ۋىزىنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاشقى سودىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى بىرقەدەر تېز بولغان سانائەت ساھەسىدە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، بىر تۈركۈم ئەقلىي زاۋۇت ۋە ئاقىل تەمىنات زەنجىرى بەرپا قىلىپ، نۇقتىلىق ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنى خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىگە سىڭىشىشكە پائال يېتەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاموژنا باش مەھكىمىسى: يېڭى، تىرىك، ئاسان چىرىيدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەۋەلىك بويىچە تەكشۈرۈش يېشىل يولى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە قولايلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى ۋە ئېنېرگىيە بايلىقى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇڭگو خەلق بانكىسى: ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسىنىڭ سۇغۇرتىلاش كۆلىمى ۋە قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كارخانىلارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى خەۋپ-خەتىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان سودا راسچوتىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نۇرغۇن يېڭى تەدبىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئېلىمىز تاشقى سودىسىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى، سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماقنىڭ مەسئۇللىرى تاشقى سودىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىرلەرنى تونۇشتۇردى.