ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-26 11:19

2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسى 11-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، «دۇنيانى تۇتاشتۇرۇپ، كەلگۈسىنى تەڭ يارىتىش» بۇ نۆۋەتلىك تەمىنات زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىسى قىلىندى، نۆۋەتتە جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ 600 دىن ئارتۇق كارخانىسى كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ سانى تۇنجى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدىن تەخمىنەن %20 ئاشتى.

جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش شەرقىي لىنىيەسىنىڭ 1-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىدا 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 2024-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان پۈتۈن لىنىيە بويىچە سۇ باشلاندى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سۇ مىقدارىنى تەڭشەش پىلانىغا ئاساسەن، بۇ يىل جياڭسۇغا 527 مىليون كۇب مېتىر، ئەنخۇيگە 46 مىليون كۇب مېتىر، شەندۇڭغا 788 مىليون كۇب مېتىر سۇ تەڭشەپ بېرىلىدۇ.

11-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 7دىن 39 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېلىمىز جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە چاڭجېڭ 2-نومۇرلۇق C توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق تۆت ئۆلچەملىك گاۋجىڭ 2-نومۇرلۇق 03، 04 سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى، قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇ قېتىمقى ۋەزىپە چاڭجېڭ ناملىق يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتانىڭ 547-قېتىم ئۇچۇشى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسى 11-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ،