ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

11-تۈركۈمدىكى كورېيەدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسى ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرى ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-28 14:59

11-تۈركۈمدىكى كورىيەدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسىدىكى 43 ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرى ۋە ئۇلارغا ئالاقىدار تەۋەرۈك بۇيۇملار 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ، قىرغۇچى-20 بەلگىلىك ئىككى ئايروپىلان ئېلىپ كېلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان تىرانسپورت-20 بەلگىلىك ئايروپىلاننى جۇڭگو ھاۋا تەۋەلىكىدە قوغداپ ئۇچۇپ، ئۇزۇن بوشلۇقتا سەپ تۈزۈپ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىغا تەسەللى بېرىپ، ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ.

جۇڭگو بىلەن كورېيە خەلقئارا قانۇن ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، 2014-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە ئۇدا ئون قېتىم كورېيەدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسى ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرى ۋە ئۇلارغا ئالاقىدار تەۋەرۈك بۇيۇملارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ بەردى ۋە ئۆتكۈزۈۋالدى. ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەقدىرلەش، خاتىرىلەش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جىڭشيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل دەل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، بۇ قېتىم كورېيەدىكى پىدائىيلار ئارمىيەسى ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتىدە يەنە كۆپ خىل پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلۇپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىغا يەنىمۇ ۋارىسلىق قىلىنىدۇ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇلىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

11-تۈركۈمدىكى كورېيەدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسى ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرى ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ

11-تۈركۈمدىكى كورىيەدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسىدىكى 43 ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرى ۋە ئۇلارغا ئالاقىدار تەۋەرۈك بۇيۇملار 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ،