ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-29 11:43

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش ھەرىكەت لايىھەسى» نىشانى ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن، جەمئىيەت ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي راسخوتىدىن بىر تىرىليون يۈەندىن ئارتۇق تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى ئېلىمىزنىڭ جەمئىيەت ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي خىراجىتى بىلەن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى نىسبىتى %14.4 بولغان. «ھەرىكەت لايىھەسى»دە 2027-يىلىغىچە بۇ نىسبەتنى تەخمىنەن %13.5 گە چۈشۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جاڭ شىشىن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ نىشان ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، جەمئىيەت ئەشيا ئوبوروتى ئومۇمىي خىراجىتىنى 1 تىرىليون يۈەندىن ئارتۇق تېجەپ قالغىلى، خەلق ئىگىلىكىنىڭ، بولۇپمۇ ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

«ھەرىكەت لايىھەسى»دە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسۇق نۇقتىلار كۆزدە تۇتۇلۇپ، بەش جەھەتتىكى 20 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ تۆمۈريولغا مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تاشيول يۈك تىرانسپورت بازىرىنى تۈزەش ۋە ئىسلاھ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەشيا ئوبوروتى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېچىۋېتىش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جاڭ شىشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىشتە قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروت بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. بۇ ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدا توشۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئەمەس، ئەشيا ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ مۇۋاپىق پايدىسىنى قىسقارتىش ئەمەس، ئەشيا ئوبوروت كەسىپكارلىرىنىڭ كىرىمىگە تەسىر يەتكۈزۈشمۇ ئەمەس.

«ھەرىكەت لايىھەسى»نىڭ 30 يېرىدە تۆمۈريول تىلغا ئېلىنىپ، تۆمۈريول يۈك تىرانسپورت مەيدان-بېكەتلىرىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمىتى تىجارەت پائالىيىتىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، دۆلەتلىك تۆمۈريول گۇرۇھى يۈك تىرانسپورت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جۇ شىتۈن مۇنداق دېدى: دۆلەتلىك تۆمۈريول گۇرۇھى تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسىنى زاۋۇت-كان، پىرىستان، باغچە رايونلىرىغا كىرگۈزۈش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆمۈريول يىغىش – تارقىتىش-توشۇش ئەسلىھەلىرىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ماس قەدەمدە پىلانلاپ، لايىھىلەپ، قۇرۇلۇش قىلىپ، تىجارەت قىلىپ، مەخسۇس لىنىيە قۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر قۇرۇش، تۇتاشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىز پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈردى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى.