دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسى تەڭشىلىپ، 91 خىل دورا يېڭىدىن كۆپەيتىلدى
11-ئاينىڭ 28-كۈنى دۆلەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 2024-يىللىق دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسىنى تەڭشەش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، بۇ يىللىق تەڭشەشتە جەمئىي 91 خىل دورا يېڭىدىن كۆپەيتىلدى.
يېڭى نۇسخىدىكى دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى دورىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 3159 خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، غەربچە دورىلار 1765 خىل، تەييار جۇڭيى دورا 1394 خىل. 2024-يىللىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىنى تەڭشەش ئاساسلىقى يېقىنقى بەش يىلدا يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان ياكى چۈشەندۈرۈشىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن دورىلار، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار، دۆلەت تەتقىق قىلىپ ياساشقا ئىلھام بەرگەن بالىلار دورىلىرى ۋە تەقلىدىي دورىلار، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورىلىرى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتى. مۇناسىپ تەرتىپ ئارقىلىق، بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە 91 خىل دورا يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، بۇ ئۆسمە، دىئابېت قاتارلىق سوزۇلما كېسەللىكلەر، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر، يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش، تەييار جۇڭيى دورىلار ۋە باشقا ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىلىنىكىدا سەپلەنگەن ياكى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەپچىقىرىلمىغان، تەمىنلەنمىگەن 43 خىل دورا تەڭشەلدى.
بۇ بۇ يىل دۆلەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ مۇندەرىجىنى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇدا يەتتىنچى يىل تەڭشىشى بولۇپ، يېڭى دورىلارنىڭ مۇندەرىجىگە كىرىش سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز تېزلەشتى، يەتتە قېتىملىق تەڭشەشتە جەمئىي 149 خىل يېڭىلىق يارىتىلغان دورا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلدى. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن كېلىشىم مۇددىتى ئىچىدىكى سۆھبەتلەشكەن دورىلارغان قىلىنغان چىقىم جەمئىي 350 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، نەپكە ئېرىشكەنلەر 830 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت