يۈننەن جېنشيۇڭدا يۈز بەرگەن «22-يانۋار» تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان 296 ئائىلە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى
چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، يۈننەن ئۆلكىسى جاۋتۇڭ شەھىرى جېنشيۇڭ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن «22-يانۋار» تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، 296 ئائىلىدىكى 1334 ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشى چاغاندىن بۇرۇن يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىدۇ.
2024-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، جېنشيۇڭ ناھىيەسى تاڭفاڭ بازىرى لياڭشۈي كەنتىدە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، ئۆلۈم-يېتىم ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى كېلىپ چىقتى. ھازىر ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى تۈرىدە 1-قارارلىق 600 يۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيىنىڭ ھەممىسى پۈتتى ھەم نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش ئۆلچىمى بويىچە بېزىلىپ، ئاساسىي تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى سەپلەندى. #
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا