جايلار، تارماقلار ئىللىق ئۆيگە قايتىش يولىغا كاپالەتلىك قىلدى
1-ئاينىڭ 19-كۈنى چاغانلىق تىرانسپورتنىڭ 6-كۈنى، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تۆمۈر يول، تاشيول، خەلق ئاۋىياتسىيەسىدە يولۇچىلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. جايلار ۋە تارماقلار پەن-تېخنىكا تايىنىپ قۇۋۋەت ئاتا قىلىش، ئۈسكۈنىلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىللىق ئۆيگە قايتىش يولىغا كاپالەتلىك قىلدى.
خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەيكۇ شەھىرى شيۇيىڭ پورتى پىرىستانىدا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك تاۋار ئاپتوموبىل لىق قاچىلانغان «لۈيۈەن 1-نومۇر» ناملىق يېڭى تەكشى تاختىلىق تىرانسپورت پاراخوتى ئاستا-ئاستا پورتقا كىردى، بۇ پاراخوت يەككە قاتناش قېتىمىدا تەخمىنەن 160 يېڭى ئېنېرگىيەلىك كىچىك ئاپتوموبىلنى توشۇيالايدۇ، بۇ ھازىرقى ئادەتتىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل توشۇيدىغان يولۇچىلار دومىلىما پاراخوتىنىڭ يۈك قاچىلاش مىقدارىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى. بۇ قېتىمقى چاغانلىق تىرانسپورتتا، «لۈيۈەن 1-نومۇر» ۋە «لۈيۈەن 2-نومۇر» ناملىق ئىككى تىرانسپورت پاراخوتىنىڭ قاتنىشى-چيۇڭجۇ بوغۇزىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى تارقاقلاشتۇرۇپ توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ. «لۈيۈەن1-نومۇر»ناملىق پاراخوتنىڭ باشلىقى شۈ شۈنۋېي مۇنداق دېدى: باشقا يولۇچىلار پاراخوتلىرى بىلەن بولغان ئەڭ چوڭ پەرق شۇكى، بۇ پاراخوتنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرىگە نورمىدىن سىرت تۆت يۇقىرى بېسىملىق سۇ زەمبىرىكى كۆپەيتىلدى، ھەر بىر سۇ زەمبىرىكىنىڭ ئېتىلىش مۇساپىسى 70 مېتىرغا يېتىدۇ، پۈتۈن مۇساپە پۈتكۈل پالۇبا رايونىنى قاپلىيالايدۇ.
چيۇڭجۇ دېڭىز بوغۇزى قاتناش باشقۇرۇش مەركىزى چاغانلىق تىرانسپورتنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ بېلەت سېتىش سانلىق مەلۇماتى، پاراخوتتىكى نازارەت قىلىش كۆرۈنۈشى ۋە پاراخوتنىڭ يۈرۈش يولى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئەقلىي بۆلەك سىستېمىسىغا جەملەيدۇ، دېڭىز ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى خادىملار ئەڭ يېڭى سۇ تىرانسپورتى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ، تىرانسپورت كارخانىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ تەڭشەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. خەيكۇ دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ خەيبىن مۇنداق دېدى: 24 سائەت پۈتۈن ۋاقىت بويىچە توشۇش كۈچىنىڭ تويۇنۇش دەرىجىسىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، ئالدىن كېلىشىپ قويغان يولۇچىلار سانى بىزنىڭ شۇ كۈنلۈك توشۇش كۈچى ئورۇنلاشتۇرۇشىمىزنىڭ %70 دىن ئېشىپ كەتسە، كارخانىلارنىڭ توشۇش كۈچىنى تەڭشىشى، نۆۋەتچى پاراخوتلارنى كۆپەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، دېڭىزدىن ئۆتىدىغان يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرىمىز.
مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى، شاڭخەي-نىڭبو يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ جياڭسۇ نەنجىڭ ھەق ئېلىش پونكىتى ئاپتوموبىل ئېقىمى يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، ھەق ئېلىش پونكىتى «ئەركىن ئېقىم» ئەندىزىسىنى ئىشقا كىرىشتۈردى، ھەق ئالىدىغان ماشىنا ئادەم ئادەم كۈچى ئارقىلىق ھەق ئېلىشنىڭ ئورنىنى ئالدى، شوپۇرلار ئۆز ئالدىغا كارتا ئېلىپ، ھەق تاپشۇرسا بولىدۇ.
جياڭسۇ ئۆلكىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئورۇنلاشتۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى يول تورىغا تارقالغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تېلېكامېراغا تايىنىپ، ھەر قايسى يول بۆلەكلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇدۇللۇق بىلىپ تۇردى ۋە ھەر ۋاقىت نازارەت قىلدى. باشقۇرۇش خادىمى ليۇ جىۋېي مۇنداق دېدى: AI ئارقىلىق ئەقلىي كۆزىتىلىپ، يول تورىدىكى بىنورمال ۋەقەلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈلدى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەقلىي سىغىمنى كېڭەيتىش، جۈملىدىن باغلىما يولدىكى قىزىل-يېشىل چىراغ قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل يول تورىنىڭ قاتناش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردۇق.
چاغانلىق تىرانسپورت مەزگىلىدە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا توك قاچىلاش ئېھتىياجى ئاشىدۇ. جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرى شياۋشەن رايونىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تىز توك قاچىلاش پونكىتىدا ئاپتوموبىللار توختىماي توك قاچىلىدى. ئاپتوموبىل ئىگىسى ياڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: كىشىلەر بۇ توك قاچىلاش پونكىتىغا كېلىپ توك قاچىلايدۇ، چۈنكى بۇ يەردە دەم ئېلىش ئۆيى بار، چۈشتە يەنە تېز تاماق بار، تازىلىق ئۆيىگە كىرىشمۇ بىر قەدەر قولايلىق.
بۇ يىللىق چاغانلىق تىرانسپورت مەزگىلىدە، خاڭجۇ شياۋشەن ئايرودۇرۇمى 5 مىليون 520 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇشنى مۆلچەرلىدى، كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارى تەخمىنەن 138 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ. تىز توك قاچىلاش پونكىتىنىڭ تىجارەت مەسئۇلى ليۇ جېڭفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: توك قاچىلاش پونكىتى خاڭجۇ شياۋشەن ئايرودۇرۇمىغا يېقىن بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ توك قاچىلاش ئەندىشىسىنى زور دەرىجىدە پەسەيتىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا