2024-يىلى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىم بولدى
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈنۈمى» ناملىق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى: 2024-يىلى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا بىر قاتار يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، دېدى.
2024-يىلى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 90 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.9 ئاشتى؛ قوشۇلما قىممەت، پايدا ئومۇمىي سوممىسى ۋە يۇقىرىغا تاپشۇرغان باج ھەققى مۇقىم ئاشتى.
يېڭى قۇۋۋەت يەنىمۇ كۈچەيدى. پۈتۈن يىللىق تەتقىقات خىراجىتى سېلىنمىسى 1 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئۇدا ئۈچ يىل 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى؛ ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرگە سېلىنغان مەبلەغ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.8 ئېشىپ، ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسىنىڭ %40 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.
يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلاندى، «چاڭئې 6-نومۇر»، «شېنجېن-جۇڭشەن يولى» قاتارلىق بىر قاتار زور يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى قولغا كەلتۈرۈلدى؛ توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، كىۋانت خەۋەرلىشىش، يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ساھەلەردە بىر قاتار يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.
دىققەت ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، قايتا تەشكىللەپ بىرىكتۈرۈش ۋە يېڭى شىركەت قۇرۇش پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى، جۇڭگو بايلىق ئايلانما گۇرۇھى، جۇڭگو شۇليەن ئەشيا ئوبوروتى ئۇچۇر شىركىتى رەسمىي قۇرۇلدى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك باتارېيەنى كەسىپلەشتۈرۈپ بىرىكتۈرۈش پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى، پوچتا پاراخوتى تىجارەت سۇپىسى شىركىتى يۇقىرى سۈپەتلىك ئىش باشلىدى، دۆلەت كاپىتالىنىڭ جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇشتا مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى.
دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى ۋە پۇختا بولدى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى چوڭقۇر يولغا قويۇلدى، ھازىر ئاساسىي ۋەزىپىنىڭ ئوتتۇرىچە ئورۇندىلىش نىسبىتى %70 تىن ئاشتى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت