ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

فۇجيەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى پەللىگە ئۆرلىمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-19 12:53

 فۇجيەن دېڭىز بويىدىكى ئىقتىساد چوڭ ئۆلكىسى. يېڭى بىر يىلدا، فۇجيەن ئۆلكىسى ئىقتىسادتا قانداق قىلىپ «جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ»، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدۇ؟ ئەمدى «نوپۇزلۇق سۆھبەت: تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭى سەھىپە ئېچىش» ماۋزۇلۇق خەۋىرىمىزدە، باش ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى جاۋ لۇڭ ھەققىدىكى مەخسۇس زىيارىتىنى ئاڭلىتىمىز.
2024-يىلى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن %5.5 ئېشىپ، ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 1 تىرىليون 990 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، كۆلەم جەھەتتە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىشى مۇمكىن. جاۋ لۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، فۇجيەننىڭ كەسىپ ئەمەلىي كۈچى تېخىمۇ كۈچەيدى، يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى سىجىل ئاشتى، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچى تېز ئۇرغۇتۇلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىش كېرەك دەپ تەكىتلەندى. بۇ يىل، فۇجيەن ئۆلكىسى ئىستېمالنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، «پۈتۈن فۇجيەندا شاد-خۇرام مال سېتىۋېلىش» پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ نەپ يەتكۈزۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ شۇنداقلا ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، زاپاس تۈر ئومۇمىي سېلىنمىسىنى 2 تىرىليون يۈەندىن ئاشۇرۇپ، ئۆلكىنىڭ 1550 نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ.
پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. بۇ يىل، فۇجيەن ئۆلكىسى تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، فۇجۇ-شيامېن-چۈەنجۇ يېڭىلىق يارىتىش كارىدورى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئۆلكە دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىخانىسىدىن سەككىزنى قۇرۇپ، 1500 ئەنئەنىۋى كەسپىي تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپ مەھسۇلات قىممىتىنىڭ كۆلەملەشكەن سانائەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %30 تىن ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.#

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

فۇجيەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى پەللىگە ئۆرلىمەكتە

فۇجيەن دېڭىز بويىدىكى ئىقتىساد چوڭ ئۆلكىسى. يېڭى بىر يىلدا، فۇجيەن ئۆلكىسى ئىقتىسادتا قانداق قىلىپ «جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ»، يۇقىرى سۈپەتلىك