چاغان ئالدىدا، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمال بازىرى قىزىپ كەتتى
چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمال بازىرى قىزىپ كەتتى، يېڭى مەنزىرە، يېڭى ئىجادىيەت ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى.
خېنەننىڭ ھەر قايسى جايلىرى دىققەتنى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، چاغان ھارپىسىدا بىر يۈرۈش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيەت-ساياھەت يېڭى تەسىراتىنى بارلىققا كەلتۈردى.
تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، سەنمېنشيا شەھىرى شەنجۇ رايونى دىكېڭيۈەن مەنزىرىگاھىدا، ھەر خىل شەكىلدىكى پانۇسلار چاقناپ، بۇ قەدىمىي يەر ئاستى ئاھالىلەر ئىمارەت توپىنى غايىۋى تۈسكە كىرگۈزدى.
خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرى جېڭدىڭ ناھىيەسىدىكى بىر مەيدان چاغانلىق گۈل كۆرگەزمىسىدە، گۈلچى ئۇستاملار قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن، بەخت-سائادەتنىڭ سىمۋولى بولغان چاغانلىق گۈلنى ھەر خىل شەكىلدە ئىجادىي گۈل قىلىپ لايىھەلىدى.
«2025 نىڭچېڭ.زىمېڭ كۆلى قار-مۇز تەنھەرىكىتى ساياھەت پەسلى» 1-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۇلانغاد شەھىرى نىڭچېڭ ناھىيەسىدە باشلاندى. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر شۇ جايدىكى بېلىقچىلار بىلەن بۇ يەرگە جەم بولۇپ، بېلىق تۇتۇش، باش بېلىقنى تالىشىش، يېڭى بېلىقنى دۈملەپ پىشۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، «مۇزلۇق كۆلدە بېلىقلار سەكرەۋاتقان» ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى بىرلىكتە تاماشا قىلدى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار