باش ئىستانسىمىزنىڭ «2025-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى
مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى «2025-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، نومۇر ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يارقىن نۇقتىلىرىنى تونۇشتۇردى.
«چاغان»نى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈش ئىلتىماسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىنكى باش ئىستانسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك چاغانلىق كېچىلىكى بولۇش سۈپىتىدە، كېچىلىككە تېخىمۇ كۆپ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئامىلى سىڭدۈرۈلۈش بىلەن بىللە، يەنە چاغان مەدەنىيىتى ۋاسىتە قىلىنغان ھالدا خەلقئارا ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇنىدۇ. بۇ يىللىق چاغانلىق كېچىلىكتە، ناخشا-ئۇسسۇل، ئەلنەغمە، چامباشچىلىق، تىل تۈرىدىكى نومۇرلار قاتارلىق كۆپ خىل نومۇرلار كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى ۋە ھەر قايسى سەپلەردە قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان ئاددىي كىشىلەر چاغانلىق كېچىلىكنىڭ باش پېرسۇناژلىرى سۈپىتىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ھەمراھ بولۇپ چاغاننى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىندى.
بۇنىڭدىن باشقا، باش ئىستانسا «ئىدىيە + سەنئەت + تېخنىكا» جەھەتتە يۇغۇرۇلما يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى ئېنىقلىق، مەۋھۇم رېئاللىق، سۈنئىي ئەقىل، ستېرېئولۇق كۆرۈش سېزىمى ۋە ئۈچ ئۆلچەملىك ئاۋاز قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، چاغانلىق كېچىلىكنىڭ ئۈن-سىن سۈپىتى ۋە پۈتۈن تاراتقۇ بويىچە تارقىتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يەر شارىدىكى جۇڭگولۇقلارغا ئىدىيەۋىلىكى، بەدىئىيلىكى، زۇقلىنىشچانلىقى ياخشى، پەن-تېخنىكا تۇيغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان چاغانلىق كېچىلىكنىڭ ھارپا كېچىسى سوۋغىسىنى تەقدىم قىلىدۇ.
بۇ يىللىق چاغانلىق كېچىلىكتە يەنە كۆزى ئاجىز ۋە قۇلىقى ئاجىز كىشىلەر ئۈچۈن تۇنجى قېتىم توسالغۇسىز ئۇلاپ تارقىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. بارماق تىلى ئارتىسلىرى AR مەۋھۇم تېخنىكىسى ئارقىلىق چاغانلىق كېچىلىكنىڭ كۆرسىتىش زالىدا بارماق تىلى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. تىك ئېكرانلىق كۆپ كۆرۈنۈشلۈك ئورالمىدا چاغانلىق كېچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن بارماق تىلى ئارتىسلىرىنىڭ كۆرۈنۈشى ماس قەدەمدە كۆرسىتىلىپ، قوشۇمچە AI تاۋۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئېكران خېتى ئىشلىنىپ، كۆزى ئاجىز كىشىلەرنىڭ كۆرۈش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاۋاز چاستوتىسى ئارقىلىق چاغانلىق كېچىلىكتىكى نومۇرلار ئىجادىي چۈشەندۈرۈلۈپ ۋە ئارقا كۆرۈنۈش كېڭەيتىلىپ، قۇلىقى ئاجىز كىشىلەر چاغانلىق كېچىلىكنىڭ مەدەنىيەت شادلىقىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىنىدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار