ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بوران-چاپقۇن قاراۋۇلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-20 12:51

«چاغاندا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» ماۋزۇلۇق خەۋىرىمىزنىڭ «شىمالىي جۇڭگونىڭ ئۆگزىسى»گە جايلاشقان ۋۇتەيشەن ھاۋارايى پونكىتى ھەققىدىكى «بوران-چاپقۇن قاراۋۇلى» دېگەن قىسمى.

قەھرىتان سوغۇقنىڭ بىر كۈنى تاڭ سۈزۈلگەندە، ۋۇتەيشەن ھاۋارايى پونكىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال كەسپىي خادىمى ۋاڭ جۈنجيې ھاۋارايى كۆزىتىش ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرىنى كۈندىلىك چارلاپ تەكشۈردى. ئۇ ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى تېمپراتۇرا سېنزورىدىن شامال يۆنىلىشى، شامال سۈرئىتىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ئۆلچەيدىغان شامال ئۆلچىگۈچكىچە، يەنە مۇرەككەپ، سىپتا نەملىك تەكشۈرۈش قۇرۇلمىسىغىچە، ھەممە يەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈردى.
ۋاڭ جۈنجيې مۇنداق دېدى: سىرتقا چىققاندا ئالدى بىلەن سىرتقى كۆرۈنۈش، يەنى ئۈسكۈنىلەرگە قاراپ باقىمىز، بۇ يەردە شامال كۈچلۈك، ئالدى بىلەن ئۈسكۈنىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى بۇزۇلدىمۇ-يوق، بىرەر نورمالسىزلىق بارمۇ-يوق، شۇنى تەكشۈرۈپ كۆرىمىز.
ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى شامال ئۆلچىگۈچ دائىم تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا قىراۋ تۇتۇپ، مۇز بىلەن قاپلىنىپ قالىدۇ، سېنزور ئاسانلا مۇزلاپ قالىدۇ. ۋاڭ جۈنجيې ئىلگىرى سۈنئىي ئۇسۇلدا مۇز تازىلاش ناھايىتى خەتەرلىك ئىدى، گەرچە ئۇنىڭ ئېگىزلىكى ئاران ئون نەچچە مېتىر بولسىمۇ، لېكىن يامىشىپ چىققاندا ھەممە يېرى مۇز بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە شامال كۈچلۈك بولغاچقا، يىقىلىپ چۈشۈشتىن بەك ئەنسىرەيتتىم دېدى.
ھازىر، تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ قىيىن مەسىلىلەر ھەل بولدى. ۋاڭ جۈنجيې بىز قىزدۇرۇش ئىقتىدارىنى قوشتۇق، بۇنداق ھاۋارايىدا، ئۇ مۇزلاپ قالمايدۇ، بۇ، ئېگىز تاغ پونكىتىمىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تېخنىكا ئۆزگەرتىش بولدى دېدى.
ھازىر دەل چاغانلىق تىرانسىپورت مەزگىلى، ھاۋارايى پونكىتىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ياڭ فېيخۇڭ كومپيۇتېر ئېكرانىغا تىكىلىپ، تۈرلۈك ھاۋارايى سانلىق مەلۇماتلىرىنى پىششىق ئىگىلەپ، مۇرەككەپ بولغان ئالدىن مۆلچەرلەش مودېلىنى قوزغاتتى. يېڭىچە ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى سېنزور سۈنئىي ئۇسۇلدا سانلىق مەلۇمات ئوقۇشنىڭ ئورنىنى ئالدى. ھەر بىر مىنۇتتا، نۇرغۇن ھاۋارايى سانلىق مەلۇماتلىرى ئۈزلۈكسىز جۇغلىنىپ، ئۈنۈمى كۆرسەتكۈچ دەرىجىسىدە ئاشتى.
ۋاڭ جۈنجيې نەق مەيداندا مۇخبىرغا چۈشەندۈرۈپ، كەلگۈسى ئۈچ كۈنلۈك ئالدىن مەلۇماتنى تەييارلىدۇق، مانا بۇ ۋۇتەيشەن تېغى، بۈگۈن قار ياغىدۇ، ئەتە ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ دېدى.
ۋۇتەيشەن ھاۋارايى پونكىتى دۆلەتنىڭ بىرىنچى تۈردىكى ئېگىز تاغ جاپالىق ھاۋارايى پونكىتى. ھاۋارايى پونكىتى تۇرۇشلۇق جايدا بىر يىل ئىچىدە سەككىز بالدىن يۇقىرى بوران چىقىدىغان ۋە قار ياغىدىغان ۋاقىت 200 كۈندىن ئاشىدۇ. لېكىن ۋاڭ جۈنجيې مۇنداق دېدى: بىزنىڭ چىڭ تۇرىدىغان ئەسلىي مەقسىتىمىز ئۆزگەرمىدى، بۇ بولسىمۇ، كۆپچىلىك ئۈچۈن زىياننى ئازايتىپ، ئاپەتنى يېنىكلىتىش، مېنىڭچە بۇ، بىز چىڭ تۇرىدىغان ئەڭ تۈپ مەقسەت.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بوران-چاپقۇن قاراۋۇلى

«چاغاندا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» ماۋزۇلۇق خەۋىرىمىزنىڭ «شىمالىي جۇڭگونىڭ ئۆگزىسى»گە جايلاشقان ۋۇتەيشەن ھاۋارايى پونكىتى ھەققىدىكى «بوران-چاپقۇن قاراۋۇلى» دېگەن قىسمى.