ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«شېنجۇ 19-نومۇر»لۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى يېقىندا 2-قېتىم بۆلمەدىن چىقىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-20 17:32

مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنى جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، «شېنجۇ 19-نومۇر»لۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى يېقىندا مۇۋاپىق پەيتتە ئىككىنچى قېتىم بۆلمىدىن چىقىپ ھەرىكەت قىلىدىكەن.
ھازىر «شېنجۇ 19-نومۇر»لۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەھۋالى ياخشى، بوشلۇق پونكىتى بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىم بولۇپ، 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇنجى قېتىملىق بۆلمىدىن چىقىش پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن بۇيان، «شېنجۇ 19-نومۇر»لۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بوشلۇق پونكىتى ئىچىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش، ئاسراش، پۈتۈن سىستېمىنىڭ بېسىمىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى، ئىككىنچى قېتىملىق بۆلمىدىن چىقىش پائالىيىتىگە تەييارلىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تاماملاپ، ئۈستىگە ئالغان بوشلۇق ماتېرىيال ئىلىمى، بوشلۇق ھاياتلىق ئىلىمى، ئالەم قاتنىشى مېدىتسىناسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي (سىناق) تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈردى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«شېنجۇ 19-نومۇر»لۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى يېقىندا 2-قېتىم بۆلمەدىن چىقىدۇ

مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنى جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، «شېنجۇ 19-نومۇر»لۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى