گۇاڭدۇڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭىدىن پۇختا قەدەم تاشلىدى
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇڭگو ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارى بويىچە بىرىنچى چوڭ ئۆلكە بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانداق قىلىپ «ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىش» مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىدى؟ ئەمدى «تەرەققىياتنى كۆزلەپ يېڭى سەھىپە ئېچىش» ماۋزۇلۇق خەۋىرىمىزدە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ ۋېيجۇڭ بىلەن بولغان مەخسۇس زىيارەتنى ئاڭلىتىمىز.
2024-يىلى گۇاڭدۇڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 14 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 9 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، %9.8 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %40 كە يېقىن سودا ئېشىش مىقدارىغا تۆھپە قوشۇشى مۆلچەرلەنمەكتە. مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، سانائەت سېلىنمىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %37 تىن ئاشتى؛ كەسىپ قۇرۇلمىسى سىجىل ياخشىلىنىپ، رايونلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئۇدا سەككىز يىل مەملىكەت بويىچە بىرىنچى بولدى.
ۋاڭ ۋېيجۇڭ مۇنداق دېدى: 2024-يىلى، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆلكە بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئىلگىرىلەش ئەۋزەللىكىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ھاياتىي كۈچنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بەردۇق.
مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش تەكىتلەندى. بۇ يىل، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئاساس قىلىش، ياسىمىچىلىقنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئاساسىي تەتقىقات + تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش + پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش + پەن-تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە + ئىختىساسلىقلار تىرىكى»نىڭ پۈتۈن جەريانىدا يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى تېز بەرپا قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىدۇ.
ۋاڭ ۋېيجۇڭ مۇنداق دېدى: ئۆلكىنىڭ بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ساھەلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش پىلانىنى يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىلغار كۆرسىتىش، ياساش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ساھەلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تىرىشىمىز. تۈۋرۈك كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، زەنجىرنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز، تولۇقلايمىز ۋە ئۇزارتىمىز. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بۇ يىل يەنە 10 مىڭدىن ئارتۇق سانائەت كارخانىسىنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىشى ۋە رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. يېڭى كەسىپ، يېڭى مۇسابىقە يولى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېزلىتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تىرىكىنى بەرپا قىلىمىز.
يېڭى بىر يىلدا، گۇاڭدۇڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، يېڭى باسقۇچتىكى گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېندىن ئىبارەت ئۈچ جاينىڭ ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭ قولتۇق رايونى بازىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خېڭچىن، چيەنخەي، نەنشا، خېتاۋ قاتارلىق زور ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن بىلەن بىرلىكتە ئۇل ئەسلىھەلەرنى «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»، قائىدە- مېخانىزمنى «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولدى.
ۋاڭ ۋېيجۇڭ مۇنداق دېدى: گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىدا، مەركەز بىر قاتار مۇھىم سىياسەت، ھۆججەتلەرنى تۈزۈپ يولغا قويدى، ھازىر سىياسەت پايدىسىنى تەرەققىياتنىڭ پايدىسىغا ئايلاندۇرۇش، چوڭ پۇرسەتنى چوڭ تەرەققىياتقا ئايلاندۇرۇش پەيتى يېتىپ كەلدى. بىز ئۈچ جاينىڭ يىرىك پىلانىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش، بايلىقتىن تەڭ بەھرىلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قولتۇق رايونى ۋە دۇنياۋى شەھەر توپى قۇرۇشنى تېزلىتىمىز.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت