ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز بۇ يىل ئىككى ئادەملىك ئالەم كېمىسى ۋە بىر يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-21 16:54

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى «شېنجۇ 20-نومۇر»لۇق، «شېنجۇ 21-نومۇر»لۇق ئىككى ئادەملىك ئالەم كېمىسى ۋە «تيەنجۇ 9-نومۇر»لۇق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسىنىڭ ۋەزىپە بەلگىسىنى ئېلان قىلدى.
پىلانغا ئاساسەن، ئېلىمىز بۇ يىل جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە «شېنجۇ 20-نومۇر»، «شېنجۇ 21-نومۇر»لۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى ئىلگىرى-كېيىن قويۇپ بېرىدۇ، ئۇچقۇچىلار گۇرۇپپىسى ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسىدىن تەركىب تاپقان. ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بۆلمەدىن چىقىپ ھەرىكەت قىلىشى ۋە يۈك يەل توسمىسىنىڭ بۆلمەدىن چىقىش ۋەزىپىسىنى يولغا قويۇپ، بوشلۇق ئىلمىي تەجرىبىسى ۋە تېخنىكا تەجرىبىسى قاتارلىقلارنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇش پىلانلاندى.
كېيىنكى يېرىم يىلدا، ئېلىمىز ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا «تيەنجۇ 9-نومۇر»لۇق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىشنى پىلانلىدى، ئۇنىڭغا ئاساسلىقى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئەشيالىرى، بۆلمە سىرتى كىيىمى، پىروپېللانت، ئەمەلىي ۋەزىپىدىكى تۈرلۈك يۈك ۋە ئەۋرىشكە قاتارلىقلار قاچىلىنىدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىز بۇ يىل ئىككى ئادەملىك ئالەم كېمىسى ۋە بىر يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىدۇ

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى «شېنجۇ 20-نومۇر»لۇق، «شېنجۇ 21-نومۇر»لۇق ئىككى ئادەملىك ئالەم كېمىسى ۋە «تيەنجۇ 9-نومۇر»لۇق