ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«شېنجۇ 19-نومۇر»لۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئىككىنچى قېتىملىق بۆلمەدىن چىقىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-21 16:54

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 1-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر سائەت 1 دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە، تەخمىنەن 8.5 سائەت بۆلمەدىن چىقىپ ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق، «شېنجۇ 19-نومۇر»لۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى سەي شۈجې، سۇڭ لىڭدۇڭ، ۋاڭ خاۋزېلار زىچ ھەمكارلىشىپ، بوشلۇق پونكىتىنىڭ مېخانىك بىلىكى ۋە يەر يۈزىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ماسلىشىشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، بوشلۇق پونكىتى بوشلۇق پارچىلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىش، بۆلمە سىرتىدىكى ئۈسكۈنە-ئەسلىھەلەرنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى تاماملىدى. بۆلمەدىن چىققان ئالەم ئۇچقۇچىسى سەي شۈجې، سۇڭ لىڭدۇڭ بوشلۇق تەجرىبە بۆلمەسىگە بىخەتەر قايتىپ كەلدى، بۆلمەدىن چىقىش پائالىيىتى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت






中央广播电视总台 央广网 版权所有

«شېنجۇ 19-نومۇر»لۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئىككىنچى قېتىملىق بۆلمەدىن چىقىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 1-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر سائەت 1 دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە، تەخمىنەن 8.5 سائەت بۆلمەدىن چىقىپ ھەرىكەت