ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2024-يىلى يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-21 16:53

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىسى» توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2024-يىلى ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاندى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.
يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ باش ئاگرونومى پەن ۋېنبو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل مەملىكەت بويىچە كۈزگى بۇغداي، كۈزگى قىچا ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، تېرىلغۇ كۆلىمى مۇقىم بولدى، مايسىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن نورمال بولدى.
2024-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا يەنە مول ھوسۇل ئېلىنىپ، مەھسۇلات مىقدارى تۇنجى قېتىم 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭدىن ئاشتى. ئاشلىق، ياغلىقدان زىرائەتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە بىرلىك مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىدە دەسلەپكى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، پۈتۈن بىر يىلدا ئاشلىقنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 5.1 كىلوگىرام ئاشتى، بىرلىك مەھسۇلاتىنىڭ ئېشىشىنىڭ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسى %80 تىن ئاشتى. يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ شىڭۋاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاشلىق، ياغلىقدان زىرائەتلىرىنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتىنى كەڭ كۆلەمدە ئاشۇرۇش «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىنىدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، ئاشلىقتىن مۇقىم ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، دادۇر، ياغلىقدان زىرائەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىم ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت







中央广播电视总台 央广网 版权所有

2024-يىلى يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىسى» توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ