شەندۇڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باشلامچى رايونى قۇرۇشنى تېزلەتتى
ئېلىمىزدىكى ئىقتىساد چوڭ ئۆلكىسى بولغان شەندۇڭ يېڭى بىر يىلدا «ئالدىدا مېڭىش، ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىش» جەھەتتىكى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيىتىنى قانداق ئادا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قانداق ئىلگىرى سۈرىدۇ؟
2024-يىلى، شەندۇڭنىڭ پۈتۈن يىللىق رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 10 تىرىليون يۈەنگە يېقىنلىشىپ، رەقەملىك ئىقتىساد كۆلىمىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %49 تىن ئاشتى، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە تىرىلمە ئېنېرگىيە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى كۆمۈر ئېلېكتىرىدىن تارىخىي خاراكتېرلىك ئاشتى، دېڭىز بويىدىكى پورتلارنىڭ يۈك كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى 2 مىليارد توننىدىن ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇننى ساقلىدى. شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لىن ۋۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شەندۇڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئىجابىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئالدىدا مېڭىش، ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىش كېرەك» دېگەن سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى باشتىن-ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ پۇختا، ياخشى ئىشلىدۇق، 2024-يىلى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %5.7 ئاشتى، سانائەت ئىقتىسادى ئېغىرتقۇلۇق رولىنى جارى قىلدۇردى.
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلەندى. بۇ يىل، شەندۇڭ ئۆلكىسى يېڭى ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئىلغار جابدۇق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ كۆلىمىنى زورايتىپ، ئەمەلىي كۈچىنى تېزدىن ئاشۇرىدۇ. كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىيو ياسىمىچىلىق، فىزىكىلىق گەۋدە ئەقلىي ئىقتىدارى قاتارلىق ساھەلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر تۈركۈم كەلگۈسى كەسىپلەر باشلامچى رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ چىقىدۇ.
لىن ۋۇ مۇنداق دېدى: بىز ئىلغارلاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش، توپلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سانائەت ئىقتىسادىدىكى «بىرىنچى نومۇرلۇق قۇرۇلۇش»نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىمىز. بەلگە خاراكتېرلىك كەسىپ زەنجىرىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي زەنجىر ئۇزۇن بولۇش بىلەن كەسىپ زەنجىرى ئۇزۇن بولۇش، زەنجىرنى ئاساس قىلىشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، زامانىۋى كەسىپ يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز.
لىن ۋۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، شەندۇڭ ئۆلكىسى يەنە يادرو ئېلېكتىرى، قۇرۇقلۇق شامال ئېلېكتىرى، دېڭىز شامال ئېلېكتىرى، يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى قوش كونترول قىلىشتىن كاربون قويۇپ بېرىشنى قوش كونترول قىلىشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياساشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولغان ئومۇمىي خەلقنىڭ قاتنىشىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش جەھەتتە داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ.
لىن ۋۇ مۇنداق دېدى: يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باشلامچى رايونى قۇرۇش-باش شۇجى شى جىنپىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەندۇڭغا تاپشۇرغان زور تارىخىي بۇرچ. بىز كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، تىرانسپورت قۇرۇلمىسى ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش ئۇسۇلىدا يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل شەندۇڭنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئارقىلىق باشلامچى رايون قۇرۇلۇشىغا تىرەك بولىمىز.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار