يىۋۇ جۇڭگو ئۇششاق تاۋارلار شەھەرچىسىنىڭ داڭلىق ماركىلارنى چەتئەلگە يۈزلەندۈرۈش خاتىرىسى
جېجياڭ يىۋۇ شەھىرىنىڭ بىر ئۇچى 2 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى» كارخانىسىغا، يەنە بىر ئۇچى 200 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا تۇتىشىدۇ. ئۇششاق تاۋارلار ئارقىلىق قانداق قىلغاندا خەلقئارا سودىدا تېخىمۇ زور قىممەت يارىتىپ، تېخىمۇ كەڭ بازار ئاچقىلى بولىدۇ؟
چاغان يېقىنلاپ قالدى، جېجياڭ يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھەرچىسىدە كىشىلەر قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. تىجارەت كۆلىمى 6 مىليون 400 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بازاردا، سودىگەرلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، يېڭىدىن تىجارەت باشلىغان «يىۋۇ ياخشى ماللىرى» ماركىسىنى چەتئەلگە چىقىرىش جۇغلانما دۇكىنى ئەڭ قىزىپ كەتتى.
كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن ئويۇنچۇقلارغىچە، سوۋغات بۇيۇملىرى، ئۆي جاھازلىرىدىن رەقەملىك مەھسۇلاتلارغىچە، جۇغلانما دۇكانغا يىۋۇدىكى 70 نەچچە داڭلىق ماركىلىق 2000 خىلدىن ئارتۇق ئۇششاق تاۋار جۇغلىنىپ، يىۋۇ ئۇششاق تاۋارلىرىنىڭ ئىجادىي لايىھەسىدىن ھۈنەر-سەنئەت سۈپىتىگىچە بولغان ئىلغار سەۋىيەسى مەركەزلىك نامايەن قىلىندى. تىجارەت باشلاپ 5 سائەت ئىچىدىلا 120 مىليون يۈەنلىك زاكاز كېلىشىمى ئىمزالاندى.
خې لىخۇڭ يىۋۇدا ئەڭ بۇرۇن ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرغان بىر تۈركۈم تىجارەتچىلەرنىڭ بىرى، ئۇ مۇنداق دېدى: يىۋۇ بازىرىدىكى تاۋارلار گەرچە دۇنيادىكى 200 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ قىسمى ۋاكالىتەن ئىشلەپ بېرىلىدۇ، يەر شارى سودا رىقابىتى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، نوقۇل ھالدا مەھسۇلات مىقدارى ۋە باھا ئەۋزەللىكىگە تايىنىشنى داۋاملاشتۇرۇش تەسكە توختايدۇ، ئۆزىنىڭ داڭلىق ماركىسىنى يارىتىش نۇرغۇن سودىگەرلەرنىڭ ئەڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى.
تېخىمۇ تېز يۈگۈرۈش، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ئىككى يىل ئىلگىرى، يىۋۇ شەھىرى «داڭلىق ماركىلارنى چەتئەللەرگە يۈزلەندۈرۈش» پىلانىنى يولغا قويۇپ، «يىۋۇ ياخشى ماللىرى»دىن ئىبارەت بۇ چوڭ سۇپىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۆز ماركىسىنى تىرىشىپ ياراتقان سودىگەرلەرنى يەر شارى سودا يوللىرىنى ئۆمەك تەشكىللەپ كېڭەيتىپ، مەھسۇلاتنى چەتئەلگە يۈزلەندۈرۈشتىن داڭلىق ماركىنى چەتئەلگە يۈزلەندۈرۈشكە قاراپ بۇرۇلۇش ياساش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ قېتىم جۇغلانما دۇكاننىڭ تىجارەت باشلىشى «داڭلىق ماركىلارنى چەتئەللەرگە يۈزلەندۈرۈش»تىكى ئەڭ يېڭى تەدبىر بولدى.
بىر پاراخوت، بىر يول-كارخانىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن چەتئەللەرگە يۈزلىنىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى چەتئەللەردە سېتىش، تاۋارلارنى كۆرگەزمە قىلىش، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن تاشقى سودا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، چەتئەللىك خېرىدارلارنى تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك جۇڭگو ياسىمىچىلىقى بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يىۋۇنىڭ «داڭلىق ماركىلارنى چەتئەللەرگە يۈزلەندۈرۈش» پىلانى 20 نەچچە دۆلەتتە ماكانلىشىپ، 5000غا يېقىن تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ چەتئەل بازىرىنى ئېچىشىغا ياردەم بەردى. شياۋ ۋېنشىن «داڭلىق ماركىلارنى چەتئەللەرگە يۈزلەندۈرۈش»تىن ئەڭ بالدۇر مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ بىرى. بۇلتۇر، ئۇ بىرازىلىيەدە «يىۋۇ ياخشى ماللىرى» كۆرگەزمە زالى ئاچتى، تاۋارلارنىڭ تۈرى، خېرىدارلار كۆپەيدى، سېتىش سوممىسىمۇ %30تىن كۆپرەك ئاشتى. ئۇنىڭ چەتئەلدىكى ئۈچىنچى كۆرگەزمە زالى پات ئارىدا تىجارەت باشلايدۇ.
ئۇششاق تاۋارلار تېخىمۇ چوڭ بازارلارنىڭ ئېچىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا سودىغا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. بۈگۈنكى يىۋۇ ئۆز ئالدىغا داڭلىق ماركا يارىتىش، ئۆمەك تەشكىللەپ چەتئەلگە چىقىش ئارقىلىق تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. 1-ئاينىڭ 18-كۈنى يەنە بىر خۇشخەۋەر كەلدى، «يىۋۇ ياخشى ماللىرى» داڭلىق ماركىسىنى چەتئەللەرگە يۈزلەندۈرۈش جۇغلانما دۇكىنى كېنىيەدىكى بىر كارخانا بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، ئافرىقىدا تۇنجى ھەمكارلاشما دۇكاننى ئېچىپ، بىر يېڭى بازارنى كېڭەيتتى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار